قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆمەر كېرەم ئۈزۈم، چىلان قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى

2018-12-04 11:37:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر دۇڭمىن مەھەللىسىدىكى ئۆمەر كېرەمنى يەرلىك كىشىلەر «ئۈزۈم شاھزادىسى» دەپ ئاتايدۇ. ئۆمەر كېرەم ئۈزۈم، چىلان قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
ئەتتىگەندە، قۇرۇق مېۋە بازىرىدا ئالدىراش يۈرگەن ئۆمەر كېرەم لاسادىكى خېرىدارى تاڭ ئەپەندىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. تېلىفۇندا پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆمەر كېرەم ئامباردىكى 6 توننا قۇرۇق ئۈزۈمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ ماللارنىڭ لاساغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆمەر كېرەم تېلېفون خاتىرىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدە خېيلۇڭجياڭ، شىئەن، يىنچۈەن، لەنجۇ قاتارلىق جايلاردىكى خېرىدارلارنىڭ تېلېفون نومۇرى خاتىرىلەنگەن. مېنىڭ نىشانىم قۇرۇق ئۈزۈمنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىش.
ئۆمەر كېرەمنىڭ قۇرۇق مېۋە سودىسى قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى. 20 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۆمەر كېرەم دادىسى دوستلىرىدىن ئارىيەت ئالغان 4 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن تىجارەت باشلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە بازارغا بېرىپ، مال سېتىۋالاتتى. ئۆمەر كېرەم مۇنداق دېدى: ئۇ ۋاقىتلاردا ھىچنىمىنى بىلمىگەچكە، باشقىلاردىن سوراپ ئۆگەندىم.
ئۆمەر كېرەمنىڭ ئاستا- ئاستا، بىر قانچە خېرىدارى بار بولدى. ئەمما، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمىگەچكە، ئۇ خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر كېرەم كۈندۈزى بازاردا تىجارەت قىلىپ، كەچتە شۇ جايدىكى كەچلىك مەكتەپكە بېرىپ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: خېرىدارلار ئىچكىرىدىن كەلگەن بولغاچقا، دۆلەت ئورتاق تىلىنى چوقۇم ئۆگىنىشىم كېرەك بولدى. ئۇلار گەپ قىلسا مەن بىلمىسەم، راۋان ئالاقىلاشقىلى بولمايدىكەن. خەتنى ئاز بىلىدىغان بولغاچقا، توختام تۈزۈشتە قىينالدىم. شۇ سەۋەپتىن، ئىككى يىل ۋاقىت ئاجرىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگەندىم.
ھازىر ئۆمەر كېرەمنىڭ 300 كۋادرات مېتىرلىق ئىسكىلاتى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ چۈنجىسىمۇ بار. بازاردىكى تۈرلۈك قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى بەش قولدەك بىلىدىغان بولدى. بۇلتۇر، ئۆمەر كېرەم ساتقان قۇرۇق ئۈزۈم 1 مىڭ 200 توننىدىن ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: چوقۇم تىرىشىشىمىز كېرەك ئىكەن. تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ئىكەن.

  تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى