قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرىۋەتتى

2018-12-04 11:46:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ2018- يىللىق قىشلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دولان قەبىلىسى5- نۆۋەتلىك ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئاۋات ناھىيەسىدىكى «دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاۋات ناھىيەسى مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە ساياھەت كەسپىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى.
ئۆرپ- ئادەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى-- ئات بەيگىسى ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئىچىدە باشلاندى. ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى كوماندا كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. ئالدى بىلەن ئوغلاقنى تارتىشىپ ئالغان كوماندىنىڭ ئەزالىرى ئۆزئارا ھىمايە قىلىشىپ، ئوغلاقنى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ ماڭدى. قارشى تەرەپ كوماندىدىكىلەر ئۇلارنى قورشاپ توسۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوغلاقنى تارتىۋېلىشقا تىرىشتى. مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرمۇ چاۋاك چېلىپ بارىكاللا ئېيتىشتى. ساياھەتچى قاناتبېك مىرادىل مۇنداق دېدى: بىز ساياھەتچىلەر ناھايىتى خوشال بولدۇق. ئوغلاق تارتىشىپ ئوينايدىغان ماھىرلارنىڭ تېخنىكىسى بىر- بىرىدىن ياخشى ئىكەن.
بۇ يىل ئاۋاتتا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش ۋەكىللەر كوماندىسى، 160 دىن ئارتۇق ماھىر تەكلىپ قىلىنىپ، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن ئات بەيگىسى ھەۋەسكارى ۋە ساياھەتچى جەلپ قىلىندى. تۇنجى كۈندىكى پائالىيەتكە قاتناشقان ساياھەتچى ۋە شۇ جايدىكى ئامما 10 مىڭغا يەتتى. مەنزىرە رايونىدا يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈسەن ئېزىز مۇنداق دېدى: ئەتتىگەندە بىر قازان پولو سېتىلىپ بولدى. بۇنىڭدىن 5 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. ھازىر،2- قازان پولونى سېتىۋاتىمەن، بۇنىڭدىنمۇ 5 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن. پولو يەيدىغان ئادەملەرمۇ بەك كۆپ.
ئات بەيگىسى ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدىن باشقا، بۇ قېتىمقى قىشلىق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ساياھىتى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە يەنە خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، قۇملۇق ۋالىبولى، مىللىيچە چېلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاۋات ناھىيىلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كەسپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى مەقسەد قىلدۇق. مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەتچىلىككە تايىنىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى