قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشنى ھەقىقىي <كەنتكە ياردەم بېرىش> كە ئايلاندۇرۇش

2018-12-04 18:48:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«كۆزۈمگە نېمىشقا ياش كېلىدۇ؟ چۈنكى مېنىڭ بۇ يەرگە چوڭقۇر مۇھەببىتىم سىڭگەن». بەلكىم بۇ سۆز ھەر بىر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ كېچە- كۈندۈز بەدەل تۆلەپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى كۈتلەم كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئېتىز بېشىدا ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، دېھقانلار ئۆيىدىكى كاڭ بېشىدا پاراڭلىشىپ، بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنتتە تۇرۇشنى ھەقىقىي «كەنتكە ياردەم بېرىش» كە ئايلاندۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتى.
خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى. ھەر قېتىم يىغىن ئاچقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى كۈتلەم كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جياڭخۇا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا- قايتا تەكىتلەپ: «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ــــ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتىنى ئەتراپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ھېس قىلالايدىغان بولۇپ، كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇپ، مەڭگۈ كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى بەرپا قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك» دەيتتى.
خىزمەت ئەترىتى كۈتلەم كەنتىگە يېڭى كەلگەندە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەتتا كەنت كادىرلىرىنىڭ ۋاقىت قارىشى يوقلىقى، كەنت يىغىنى ياكى پائالىيەتنى تەشكىللىگەندە دائىم كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش تەس، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمەسلىك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى مەسىلىلىرى تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش، تۈزۈم ئارقىلىق ئىش باشقۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش چارىسى»، «كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىر، پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»، «كەنت ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش چارىسى»، «كەنت ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىش تەرتىپى سېخېمىسى» نى تۈزۈپ چىقىپ، كەنت كادىرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ھازىرقى ھالەتكە قانائەت قىلىش، «چاكىنىلىق، چېچىلاڭغۇلۇق»، «ھەر كىم ئۆز يېرىنى تېرىش، ھەر كىم ئۆز ئالدىغا پۇل تېپىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى «ھەر ھەپتىدە بىر تەكلىپ» خىزمەت مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە كەنت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، كەنت ئىككى كومىتېتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى. خىزمەت ئەترىتى قىسمەن كەنت كادىرلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئىقتىدارى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، كومپيۇتېر ئىشلىتەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «بىرگە بىر ياردەم بېرىش»، «بىرگە كۆپ ياردەم بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، «دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى»، پارتىيە- ئىتتىپاق پائالىيىتى كۈنى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
كەنت ئاھالىسى بۇرابىيە مەتنىياز مۇنداق دىدى: «ئىلگىرى كەنت كومىتېتىغا ئىش بېجىرگىلى بارغاندا ئادەم تاپالماي، بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم باراتتۇق. ھازىر كەنت ئاھالە كومىتېتى كادىرلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ئىش بېجىرىش تەرتىپى قېلىپلاشتى، ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇق».
خىزمەت ئەترىتى «ئىرادە ۋە ئەقىل جەھەتتىن تەڭ يۆلەش» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. كۈتلەم كەنتىدە بۇغداي، ياڭاق تېرىقچىلىقى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، يەر ئاز، ئادەم كۆپ، ئاساس ئاجىز، دېھقانلارنىڭ بېيىش ماھارىتى كەمچىل ئىدى. خىزمەت ئەترىتى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەش سانلىق مەلۇمات دەپتىرى تەسىس قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پىلانى ۋە ياردەم بېرىش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقتى.
خىزمەت ئەترىتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت كادىرلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان باشلامچىغا ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى باش پېرسوناژغا ئايلاندۇردى. كەنت ئىككى كومىتېتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالغاندىن كېيىن، «كەسىپ بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نى بىرلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتىكى ئىككى كەسىپ تەرەققىيات پىكىر يولىنى بېكىتىپ، كوللېكتىپ يېرىنى ئېنىقلاش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، ئۇنۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى يۈرۈشلەشتۈردى.
نۆۋەتتە، كۈتلەم كەنتىدىكى كەنت كومىتېتى قۇرغان كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۈرىدە ئىش باشلاندى. بۇ تۈرنىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە؛ دۇكان، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلۇپ، 34 نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ 50 پارنىك ياسىلىپ، كەتىرا قاتارلىق يېڭى سورتلار كىرگۈزۈلۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرى كېڭەيتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئېتىز- ئېرىق تۈرى، سۇغىرىش تورى قۇرۇلۇشى، يېزا يوللىرىنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى، مىللىي مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرمۇ تەدرىجى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خىزمەت ئەترىتى «ئىرادە ۋە ئەقىل جەھەتتىن تەڭ يۆلەش» تە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ «ئىرادە»، «ئەقىل» دىن ئىبارەت ئىچكى ئامىلىنى قوزغاپ، ئاممىنى «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر» دىيىشتىن «نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن» دىيىشكە تەدرىجىي يېتەكلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، كۈتلەم كەنتىدىكى 60 تىن ئارتۇق كىشى ئەتراپتىكى كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرلۇپ، «بىر ئائىلىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە كىچىك ئىش يوق. خىزمەت ئەترىتى كەنتتە مەدەنىيەت مەيدانى قۇرۇپ، شىپاڭ ياسىدى، كەنت ئاھالىلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا خىزمەت ئەترىتىگە بۇ شىپاڭنى «مىننەتدارلىق شىپاڭى» دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بەردى، بۇ خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى، قىلغان ئىشىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن خۇشال بولدى. يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەن ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتۇن يېرىشىغا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، مەكتەپتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە 110 دانە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كىتاب ئۈستىلى تارقىتىپ بېرىش، 79 يۈرۈش سېمونت مەش سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ خىشتىن مەش ياسايدىغان ئاشخانا ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش، كەنت يولىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» نى راۋانلاشتۇرۇش، كەنتتە ئەخلەت يىغىۋېلىش ئورنى ياساش، بايراملاردا كەنت ئاھالىلىرىگە ئۇن، ياغ تارقىتىش، مېيىپ، ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلار ۋە ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى يوق كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەمەلىي ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا خىزمەت ئەترىتى بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمىدى.
خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى دائىم «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە كىچىك ئىش يوق» دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ھەر بىر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاممىنىڭ تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئاممىنىڭ قەلبىنى سوۋۇتۇپ، ئاممىنىڭ خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، خىزمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق تەلىپىنى تىزىملاش دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بىر- بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامۇۋاپىق تەلەپلەرگە يولۇققاندا سىياسەتنى، ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈننى يەشتى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كۈتلەم كەنتىدە يېزا بويىچە تۇنجى يۇيۇنۇش مەركىزى، تۇنجى قىزىل خاتىرە سارىيى بار بولدى. بۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ناھايىتى پەخىرلەندۈردى. يۇيۇنۇش مەركىزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «گۈزەللىكە يۈزلىنىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، قىزىل خاتىرە سارىيى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تارىخنى ھېس قىلىدىغان، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەيدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى.
  «ئانا، ئانا، بۇ كىتابقا قاراڭ، كىتابتا نۇرغۇن مەلىكە بار ئىكەن!». 10 ياشلىق سەبىرەم باكىر ھاياجانلانغان ھالدا ئانىسىغا كىتابتىكى پېرسوناژلارنى تونۇشتۇردى. بۇ شەنبە كۈنىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئىدى. ھەر شەنبە كۈنى، سەبىرە ئاپىسىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئالدىرىتاتتى. دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش. خىزمەت ئەترىتى باشتىن- ئاخىر ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شەنبە كۈنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتى، تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيىتى، ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىش پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتى، ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئېيتىش مۇسابىقىسى پائالىيىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن «مەنىۋى ئوزۇق» بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنى ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، كەنت قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە ئاڭلىق قاتنىشىشقا يېتەكلىدى.
كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل ئېلى مۇنداق دىدى: «ھازىر كەنتتە يېڭى ئىشلار بەك كۆپ، مەن لېكسىيە ئاڭلاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىمەن». ئارزۇگۈلگە ئوخشاش ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ياشلاردىن كەنتتە يەنە نۇرغۇنى بار. ئۇلار كەنت دەرىجىلىك ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، لېكسىيە ئاڭلاپ، سىياسەتلەرنى ئۆگىنىپ، بىلىم ئىگىلەپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. «مەنىۋى ئوزۇق» كۈتلەم كەنتىدىكى ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىرادىسىنى يۆلەيدىغان «غەزىنە»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «كومپاس»، ئامما خىزمىتىدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ» بولۇپ قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى