قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يىمەك- ئىچمەككە ئىنتىلىش

2018-12-04 18:54:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مېنىڭچە، كىشىلەر يەپ- ئىچىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشقا سەل قاراۋاتىدۇ، يەنى كۆپچىلىك ئېسىل تائاملارنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تاماق يىگەن چاغدىكى مۇھىت، كەيپىيات، ئەھۋال قاتارلىقلارغا سەل قارىماقتا. بۇ خىل «قۇرۇق سۆزلەر» زاكۇسكا قاتارىدا بولمىغاچقا، تاماق تىزىملىكىدىن ئەلۋەتتە تاپقىلى بولمايدۇ، لېكىن مەدەنىيەتلىك مېھمان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ياسالما سۆزلەر كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا مەلۇم يېمەكلىككە بولغان گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، مەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كىچىك بازاردا زىيارەتتە بولغاندا، چۈشتىن كېيىنگە يېقىن ئاشخانىلارنىڭ ھەممىسى تاقىلىپ بولغان ئىدى. توساتتىن بىر كىچىك ئاشخانىنى ئۇچۇرتۇپ تاماق بار يوقلىقىنى سورىسام: «تاماقمۇ تۈگىدى، قورۇمىلارمۇ يوق، كۆلدە بىر تال بېلىق بار، بېلىق شورپىسى قىلىپ قورساقنى تويغۇزغىلى بولىدۇ» دېدى. مەن بۇنى بولىدىغان گەپكەن دەپ ئۇ كىچىك ئاشخانىغا كىردىم.
بۇ ئاشخانا دەريا بويىغا سېلىنغان بولۇپ، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا دۇكاننىڭ ئىشىكى كوچىغا قارايتتى، كىچىك بىنا چوڭ دەريا ئۈستىگە ئېسىپ سېلىنغان، ئۆينىڭ ئاستى بوش بولغاچقا كېمە قويغىلى ياكى دوك ياسىغىلى بولىدىغان بولۇپ، سۇ ماكانى كىچىك بازىرىدا دائىم ئۇچرايدىغان دەريا ئۆيى ئىدى. دۇكان خوجايىنى ئالدى بىلەن مېنى باشلاپ، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى بىر ئىشىكتىن پىرىستانغا كېلىپ، دەرياغا ساڭگىلتىپ قويغان يۇمىلاق سېۋەتنى تارتتى، سېۋەتتە ھەقىقەتەن بىر تال تىرىك بېلىق تۇراتتى، جىڭلىۋىدى ئىككى جىڭ كەلمىدى. بېلىقنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، دۇكان خوجايىنى مېنى باشلاپ غىچ- غىچ ئاۋاز چىقىرىدىغان ياغاچ پەلەمپەي بىلەن ئۈستى قەۋەتكە ئېلىپ چىقتى. ئۈستۈنكى قەۋەتتە بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى، دېرىزىدىن سىرتتىكى تاغ- دەريانىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى، سۇنىڭ تېگىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، دەريا ئاستىدىكى ئوت- چۆپلەر يەلپۈنۈپ تۇراتتى؛ يەلكەنلىك كېمە ئۆتكەندە بىر توپ ياۋا ئۆردەكلەر چۆچۈپ ھەر تەرەپكە ئۇچۇشاتتى، يىراققا نەزەر تاشلىغاندا، تاغ- دەريالارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى.
بېلىقنى تېخى يېمەي تۇرۇپ، ئۇنى يىگەندىكى ھېسسىيات ۋە تەم ئاللىبۇرۇن مېنى مەس قىلغان ئىدى. مەن: «ھاراق بارمۇ؟ بولسا ئىككى جىڭ بېرىڭ» دېدىم. مۇلازىم فاڭجاۋ ماركىلىق ھاراق بارلىقىنى ئېيتتى. 
ئىككى جىڭ سېرىق ھاراق، بىر تال بېلىق، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇغا قاراپ ھۆزۇرلانغان ھالدا: «قۇياش نۇرى ئەكس ئەتتۈرگەن شەپەق بىلەن ياۋا ئۆردەكلەر بىللە پەرۋاز قىلدى. يامغۇردىن كېيىنكى دەريا سۈيى ئادەتتىن تاشقىرى تولۇپ، يىراققا نەزەر تاشلىسام، دەريا سۈيى ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى» دەپ غىڭشىدىم. مەن پەس ئاۋازدا شېئىر ئوقۇغاچ، تاماقنى ئىككى سائەت يىدىم.
بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكىلى 30 نەچچە يىل بولدى. مەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن قېتىم بېلىق پىشۇردۇم، بۇنىڭ ئىچىدە سۇجۇنىڭ داڭلىق قورۇمىسى تىيىن بېلىقى، سۇدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان بېلىق، سېلد بېلىق قورۇمىسى قاتارلىقلار بار. بۇ داڭلىق قورۇمىلار ئەڭ ياخشى خۇرۇچلار ئىشلىتىلىپ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان بولسىمۇ ئەمما 30 نەچچە يىل ئىلگىرىكى كىچىك ئاشخانىدا يىگەندەك تەملىك بىلىنمىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاشخانىدا مەن يىگەن بېلىق ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا يەنى پەقەت بېلىققا ئازراق پىياز، زەنجىۋىل، سېرىق ھاراق قويۇپ تەييارلانغان خالاس، لېكىن يېشىل تاغ، زۇمرەت سۇ، ئاق يەلكەن، شېئىرىي پۇراق قەيەردە؟...... نۇرغۇن كىچىك ۋاقتىدىلا يۇرتىدىن ئايرىلغان سۇجۇلۇقلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چۆچۈرە، شورپا، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، سېسىق دۇفۇ قېقى، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق بالىلىق چاغلىرىدا دائىم يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىزدەيدۇ. تېپىلسا ئەلۋەتتە خۇشال بولىدۇ، لېكىن يېگەندىن كېيىن تەمى بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ «تەم» نىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىر قانچە خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. يەنى، بۇ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ تەييارلىنىشى بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى، ھازىر كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئاز پۇل تېپىشنى خالايدىغانلار ناھايىتى ئاز. بىراق، بۇ خىل يېتەرسىزلىكنى يەنىلا ئامال قىلىپ تولۇقلىغىلى ياكى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇ «تەم» نىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
ئۇ چاغدا سىز ئۇماچ ئىچكەندە، مېھرىبان ئانىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى مۈمكىن. ئانىڭىز كەشتە تىكىپ تاپقان پۇلىغا سىزگە بىر قاچا ئۇماچ ئېلىپ بېرىپ، سىزنىڭ ئۇماچ ساتىدىغان يايمىكەشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇماچنى ھوزۇرلىنىپ ئىچىۋاتقانلىقىڭىزغا قاراپ ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنگەن بولۇشى؛ سىزنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆز چانىقىغا ئىسسىق ياش كەلگەن بولۇشى مۈمكىن. ئۇ چاغدىكى پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى پەقەت مومامىڭىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا يىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىزنى يۈرەك پارىسىدەك كۆرىدىغان مۇمىڭىز سىزگە پۇل بېرىپ، نەۋرە ھەدە، ئىنىلىرىڭىزنى سىزگە ھەمراھ بولۇپ شۈەنمياۋگۈەننى ئايلىنىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن بولۇشى، شۇ كۈنى سىلەر قانغۇچە ئويناپ، شۈەنمياۋگۈەندىكى كىچىك تەنزىلەردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىن يەپ چىققان بولۇشىڭلار، يەنە تېخى مايمۈن ئويۇنى كۆرگەن بولۇشىڭلار مۈمكىن. بالىلىقتىكى خۇشاللىق، بالىلىقتىكى دوستلۇق ھازىرغىچە ئاشۇ كىچىك قاچىدىكى پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ ئىچىدە ساقلانغان.
ئۇ قېتىم سىز چۆچۈرە يېگەن ۋاقتىڭىز بەلكىم تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئوتتەك مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە ئىككىڭلار قىش كېچىسىدىكى سوغۇقتىن قورقماي، قول تۇتۇشۇپ، سۇجۇدىكى جىمجىت كوچىدا توختىماي ئايلاندىڭلار. تۈن يېرىمىنىڭ ئالدى- كەينىدە، تۇيۇقسىز يىراقتا ئوت ئۇچقۇنى كۆرۈندى، ئارقىدىنلا چۆچۈرە ساتقۇچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ قورسىقىڭلار ئېچىپ كەتكەن بولۇپ، سوغۇق ھېس قىلغان ئىدىڭلار. سىلەر چۆچۈرە يايمىسىنىڭ ئالدىغا ئۇچقاندەك بېرىپ، ئۈچ قاچا ئالدىڭلار، بىرىڭلار بىر قاچىدىن يىدىڭلار، يەنە بىر قاچىنى بىر بىرىڭلارغا قىسىنىپ، ئاخىرىدا تەڭ يىدىڭلار. ئۇ چۆچۈرىنىڭ تەمى ھەقىقەتەن تەملىك، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئىچىدە مۇھەببەتنىڭ خۇرۇچى بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە سىز ياشىنىپ قالغان بولۇشىڭىز، باشقا يۇرتتا نەچچە ئون يىل سەرسان بولۇپ، قايتىپ كېلىپ، كونا جايدا بىر ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىدا يېتىپ، باشقىغا كۆڭلىڭىز تارتماي پەقەت چۆچۈرە يېگۈڭىز كەلدى. ئاشپەز ئۇستام ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، بىر قاچا راك قىيما قىلىنغان چۆچۈرە تەييارلىدى، لېكىن ئۇنىڭ تەمى يايمىدىكى چۆچۈرىدەك تېتىمىدى. ياشانغانلارنىڭ تەم سەزگۈسى سەل ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن  ياخشى- ياماننى ئايرىيالمايدىغان ھالەتتە ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى چۆچۈرىدە ئەمەس، مۇھىتتا، كەيپىياتتا ئىدى. چۈنكى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا ئاشپەزمۇ، تۇنجى مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تەڭشىيەلمەيدۇ. قىش كېچىسى، تار كوچا، سوغۇق شامال، مۇھەببەت ئوتى ئاشۇ چۆچۈرە بىلەن بىرلىكتە بىر ياخشى ھاراقنى ئېچىتقان بولۇپ، بۇ ھاراق قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا نەچچە ئون يىل ساقلاندى، ھاراق قانچە ئۇزۇن ساقلانسا شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇ يەنە كېلىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خىل تەم بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز دائىم سىرتتا يۈرىدىغان ئادەم بولسىڭىز، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زىياپەت شامىلى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، سىز يا ساھىبخان ياكى مېھمان بولدىڭىز، يا كاتتا زىياپەتلەردە بولدىڭىز، يا بولمىسا ئېسىل نازۇ- نېمەتلەر بىلەن قەدەھ كۆتۈرۈپ، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدىڭىز ھەر قېتىملىق زىياپەتنىڭ ئەھمىيىتى باردەك بىلىنەتتى. بىراق، سىز نۇرغۇن زىياپەتلەرگە داخىل بولغاندىن كېيىن، ئۇ زىياپەتتىكى ئەسلىمىلەرنىڭ پۈتۈنلەي غۇۋا ئىكەنلىكى، ھەتتا نېمىلەرنى يېگەنلىكىڭىزنىمۇ ئېسىڭىزگە ئالالمايدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىسىز. شۇ يىلى سىز تۆۋەنگە چۈشۈپ بىر دوستىڭىزنىڭ ئۆيىگە باردىڭىز، ھېلىقى بىچارە دوستىڭىزنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كەپە ئۆيىدە تۆت تامدىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوق بولۇپ، كەچتە قاتتىق بوران چىقىۋاتاتتى، قورۇما تەييارلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئېتىزدا جۇسەي، توخۇ كاتىكىدە بەش دانە تۇخۇم، غەربچە قۇتا ئىچىدە ئىككى جىڭ خاسېڭ ، ئۈستەلدە يەنە سىز ئەكەلگەن كونۋېرت ئىچىدىكى قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك، ئىككى بوتۇلكا ياڭخى پۇچۈ ھارىقى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىڭلار خاسىڭ مېغىزى قورۇپ، تۇخۇمنى دۈملەپ پىشۇرۇپ، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك بىلەن جۇسەينى قورۇدۇڭلار. ئۈچ خىل ھاراق زاكوسكىسىغا تۆمەن مىڭ خىل كىشىلىك ھاياتتىكى، يېرىم ئۆمۈرلۈك كەچۈرمىش، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئاچچىق ھاراق ۋە كۆز ياشلار ئارىلىشىپ، تاڭ ئاتىقىچە مۇڭداشقان ئىدىڭلار. يۇلتۇزلارنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەممە نەرسە شۇنچە يىراق كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۇ كېچىدىكى مەنزىرە ناھايىتى ئېنىق ئىدى. نىمىلەرنى يىگەنلىكىڭىز ئېنىق ئېسىڭىزدە، بولۇپمۇ نەق مەيداندا قورۇلغان جۇسەينىڭ مەززىلىك تەمىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنتۇيالمىدىڭىز.
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېمەك- ئىچمەك ساھەسىدىكى دوستلارمۇ يەپ- ئىچىش مۇھىتىغا دىققەت قىلىدىغان بولدى، لېكىن مۇھىتقا بولغان چۈشەنچىسى يەنىلا تار مەنىدە بولۇپ، تېخى مەنزىلگە يېتەلمىگەن ئىدى. ئۇلار يەنىلا كۆپ ھاللاردا پەقەت ئاشخانىنىڭ بېزىلىشىگە دىققەت قىلاتتى، ھەتتا چەت ئەل پوسۇنىدا، ھەشەمەتلىك ياسايتتى، ئەمما چاكىنا بولۇپ قالاتتى. مۇلازىمەتكىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، تاماقنى مۇلازىملار تەخسىلەرگە بۆلۈپ بېرەتتى، خۇددى غەربچە تاماق يېگەندەك، ھەر بىر قورۇما چىقسا ئايرىم ئىشلىتىدىغان قاچا- قۇچىلارنى بىر قېتىم ئالماشتۇراتتى. غەربچە تاماق يىگەندە پەقەت ئۈچ- تۆت خىل قورۇما بار، شۇڭا ھەر بىر قورىمىغا يېڭى قاچا- قۇچا ئالماشتۇرۇش ئاسان. جۇڭگوچە تاماق يىگەندە ئاز بولغاندىمۇ ئون نەچچە خىل قورۇما بولۇپ، ھەر بىر قورۇما ئۈچۈن قاچا- قۇچا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىملار ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، تاماق يەيدىغانلار خۇددى مەشغۇلات ئويۇنى كۆرۈۋاتقاندەك بولۇپ، قورۇمىغا بولغان دىققىتى چېچىلىپ كېتەتتى. بىر قېتىم مەن بىر نەچچە كەسىپداشلىرىم بىلەن بۇ خىل ئالىي دەرىجىلىك زىياپەتكە قاتناشتىم، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن بىرنەچچە دوستۇمدىن: «بۈگۈن زادى نېمە يېدىڭلار؟» دەپ سورىسام، بىر دوستۇم ئوبدان جاۋاب بەردى: «نۇرغۇن تەخسە، چىنە ۋە ئىستاكانلارنى يېدىم».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى