قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوبۇقسار بازىرى بايىنشىرىك مەھەللىسى ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھەللىنى ئىللىق، ئىناق چوڭ ئائىلىگە ئايلاندۇردى

2018-12-05 12:46:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوبۇقسار بازىرى بايىنشىرىك مەھەللىسى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھەللىنى ئىللىق، ئىناق چوڭ ئائىلىگە ئايلاندۇردى.
يېقىندا، بايىنشىرىك مەھەللىسىنىڭ كادىرى يۈ ۋېنچيەن يەنە بىر قېتىم قوشماقلاشقان تۇغقىنى نىھا دۇڭمېينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تۇغقىنىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. نىھا دوڭمېي ئائىلىسىدىكىلەر پۇتى مېيىپ سىڭلىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بىراق نىھا دوڭمېي ۋە ئۇنىڭ يولدىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا موھتاج بولغاچقا، ئۆيىدە دائىم بالىلىرى ۋە ھەرىكىتى قولايسىز سىڭلىسى قالاتتى. يۈ ۋېنچيەن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. نىھا دوڭمېي مۇنداق دېدى: يۈ ۋېنچيەن ئاكامدا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئاچقۇچى بار. ئۆيدىكىلەرگە قارايدىغان ئادەم يوق چاغلاردا ئۇ دائىم كېلىپ ئوغلۇم ۋە سىڭلىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ. يۈ ۋېنچيەن ئاكامنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئۇ تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن يۈكىمىزنى يەڭگىللەتتى.
بايىنشىرىك مەھەللىسىدە 1 مىڭ 385 نوپۇس بار، ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسى %59 نى ئىگىلەيدۇ. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئاھالىلەر يۈ ۋېنچيەن بىلەن نىھا دۇڭمېيغا ئوخشاش جەمئىي 46 جۈپ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. مەھەللە يەنە «قوشماقلىشىپ ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىش»، «قوشماقلىشىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش»، «قوشماقلىشىپ قېيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى يولغا قويۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇردى. «پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»، «ما لەنخۇا تەشۋىقات ئەترىتى»، «مېھرىبان ئانىلار ئۆمىكى» قاتارلىق ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. «مېھرىبان ئانىلار ئۆمىكى» نىڭ تەشەببۇسچىسى پەرزانا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مېھرىبان ئانىلار ئۆمىكى» نى مەھەللىدىكى 60 نەچچە ئاھالە ئۆزلۈكىدىن قۇرغان. ئۇلار مەھەللە ۋە ناھىيە بازىرىدا قەرەللىك ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پالەچ بولۇپ قالغان كېسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئىگە- چاقىسىز بوۋاي- مۇمايلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىرغا قەدەر، «مېھرىبان ئانىلار ئۆمىكى» دىكىلەر ناھىيەدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ئائىلىسى نامرات 153 ئوقۇغۇچى، مېيىپ بالا ۋە 139 نامرات ئائىلىگە جەمئىي 89 مىڭ يۈەن ياردەم بەردى. پەرزانا مۇنداق دېدى: مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ، بىزنىڭ قوشۇنىمىز مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، دوختۇر قاتارلىق ھەر قايسى كەسىپلەردىكى توققۇز مىللەتتىن بولغان ئاياللاردىن تەركىب تاپقان. كۆپچىلىك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بايىنشىرىك مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە پائالىيەت مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى