قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غۇلجا شەھىرى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى

2018-12-05 16:17:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل 10- ئايدا، غۇلجا شەھىرى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا «قار مىلودىيەسى ياڭرىغان غۇلجا-- باھاردەك ئىللىق گۈل شەھىرى» باش تېما قىلىنغان قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
غۇلجا شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقى ۋە پەسىللىك كېلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، غۇلجا شەھىرىنىڭ قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان 12ـ نۆۋەتلىك «قار مىلودىيەسى ياڭرىغان غۇلجا» قار- مۇز مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، «قار مىلودىيەسى ياڭرىغان غۇلجا» تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق سۇ ئۈزۈش تەكلىپ مۇسابىقىسى، ئىلى دەرياسى قار- مۇز چىراغ بايرىمى، «شېئىرىي تۈسكە تولغان ئىلى» قار ـ مۇز مەنزىرىسى فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسى، قار- مۇز تېيىلىش ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، «تۆۋەن كاربونلۇق سەپەر» ئىلى دەرياسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش يېڭى يىللىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، «ئىلى تائاملىرى» بايرىمى، «ئىلى ساياھەت تاۋارلىرى» كۆرگەزمىسى قاتارلىق 15 تۈرلۈك مول، رەڭدار ساياھەت، مەدەنىيەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بۇ نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمىغا كىرگۈزۈلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل غۇلجا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى يەنە «رومانتىك ئىلى دەرياسى»، «قارلىق دالىدىكى شاتلىق»، «قار مىلودىيەسى ياڭرىغان غۇلجا ۋە مەنزىرىلىك گۈل شەھەرچىسىدە بىر كۈنلۈك ساياھەت»، «خۇشپۇراققا پۈركەنگەن ساياھەت ۋە قەدىمىي شەھەر مەدەنىيەت ساياھىتى» دىن ئىبارەت تۆت كلاسسىك يۈرۈشلۈك لىنىيەنى نۇقتىلىق يولغا قويغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە غۇلجا شەھىرى «ئىلىلىقلار ئۆز يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت، ھېس قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى غۇلجا شەھىرىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ۋە قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، غۇلجا شەھىرى يەنە «گۈل شەھىرى غۇلجا»نىڭ مول گۈل- گىياھ، دەل- دەرەخ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەتىياز پەسلىدە «باھاردەك ئىللىق گۈل شەھىرى-- گۈل سەيلىسى، مەدەنىيەت ئېيى» قاتارلىق گۈل تاماشا قىلىش، ئادىمىيەت، كۆپ مەنبەلىك مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەزگىلىدە غۇلجا شەھىرى يەنە %70 لىك ئېتىبار باھادا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قازانچى مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت رايونىنى ساياھەت قىلىش، ئىشىك بېلىتى ئالماي تۇرۇپمۇ، گۈل شەھىرى غۇلجىنى ئايلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىكەن، مەسىلەن: ئىلى دەرياسى ساياھەت مەنزىرە رايونى، «بىنەپشە ساھىپجامال» ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى رايونى، ئىلى يىپەك يولى مەدەنىيەت ساياھەت شەھىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ساياھەت شەھەرچىسى، ئىلى ساياھەت پورتى- شىتو دۇنيا سودا شەھەرچىسى، غۇلجا شەھىرى يىرىك پىلان كۆرگەزمىسى (پەن- تېخنىكا) سارىيى، خەن مەلىكىسى خاتىرە سارىيى، لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى، ۋاڭ مېڭ كىتابخانىسى، ئىلى ئوبلاستلىق مۇزېي قاتارلىق مەنزىرە رايون، سەيلىگاھلارغا بۇ پائالىيەت مەزگىلىدە ھەقسىز كىرگىلى بولىدىكەن.  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، غۇلجا شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى، قار ـ مۇز باغچىسى قىشلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئېتىبارلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلار ۋە ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ باھاسىدا ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى باھاغا سېلىشتۇرغاندا %30 تىن كۆپرەك ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى