قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تيانشان بوغدا كۆلىنىڭ قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى پات ئارىدا باشلىنىدۇ

2018-12-05 16:21:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تىيانشان بۇغدا كۆلىگە قىش رەسمىي يېتىپ كەلدى، بۇ يەردە قىشتا قار يىغىپ، سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ساياھەتكە چىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولالايدۇ. بوغدا كۆلى پات ئارىدا 17- نۆۋەتلىك قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ؛ ئۇنداقتا بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك بوغدا كۆلى قار- مۇز مەنزىرىسى بايراملىرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى.
نۇرغۇن جايلاردا قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى بار، لېكىن قوي گۆشى بايرىمى تيانشان بوغدا كۆلىدىلا بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل بولغان قىش پەسلىدە سۈرەتتەك گۈزەل بوغدا كۆلىگە قەدەم قويغىنىڭىزدا، قوي گۆشى بايرىمىغىمۇ داخىل بولالايسىز، ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىلغان بىر تاۋاق مەززىلىك قوي گۆشىدىن تېتىغان ۋاقتىڭىزدا بولسا، قىش پەسلىنىڭ ھوزۇرىنى ھەقىقىي سۈرگەن بولىسىز!
قىش پەسلىدىكى ھەيۋەتلىك بۇغدا چوققىسىمۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان جاي، تيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن بوغدا چوققىسى مىسلىسىز ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارغا شاھىد بولغان. تىپتىنچ ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇغدا چوققىسى ئىزچىل نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
دۈەنۋۇ بايرىمىدا ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى ناھايىتى قىززىپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا سىز مۇز ئۈستى قولۋاق مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ بوغدا كۆلىدە يىل ئاخىرىدا مۇز تۇتىدۇ. دۈەنۋۇ بايرىمىدىكى ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق بوغدا كۆلىدىكى مۇز ئۈستىگە چىققاندا، يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. ئەجدىھا كېمىسى مۇز ئۈستىدە تېخىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولىدۇ.
بۇ يىل تيانشان بوغدا كۆلىنىڭ قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمىدا يەنە قانداق نادىر پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 17- نۆۋەتلىك بوغدا كۆلى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمىغا قەدەم- تەشرىپ قىلغايسىز!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى