قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لاي ھەيكەل توغرىسىدىكى تارىخىي ھېكايىلەر

2018-12-05 16:46:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لاي ھەيكەل قەدىمدە «رەڭلىك ھەيكەل» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، لاي ھەيكەل ھۈنەر-سەنئىتى جۇڭگونىڭ ئەل ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ئەنئەنىۋى، قەدىمىي، كۆپ ئۇچرايدىغان ھۈنەر-سەنئىتى. ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: سېغىز توپىغا ئازراق پاختا ئارىلاشتۇرۇپ چىڭداپ تەكشىلىگەندىن كېيىن، تۈرلۈك شەيئىلەرنىڭ ھالىتى ياساپ چىقىرىلىدۇ. ئاندىن سايىدە قۇرۇتقاندىن كېيىن، يۈزىگە بىر قەۋەت ئۇنسىمان پاراشۇكنى سۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا رەڭلىك نەقىش سىزىلىدۇ. ئۇنىڭدا لاينى خام ماتېرىيال قىلىپ، قول ئارقىلىق تۈرلۈك شەكىللەردە ياساپ چىقىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئادەم ۋە ھايۋاناتلار ئوبرازى ئاساس قىلىنىدۇ. لاي ھەيكەل ئەل ئىچىدە ئادەتتە «رەڭلىك ھەيكەل»، «لاي ھەيكەل» دېگەن ناملاردا ئاتىلىدۇ. لاي ھەيكەل باۋجى شەھىرىنىڭ فېڭشىياڭ ناھىيەسىدە بارلىققا كەلگەن، شەنشى، تيەنجىن، جاڭسۇ، خېنەن قاتارلىق جايلاردا كەڭرى تارقالغان. لاي ھەيكەل ھۈنەر- سەنئىتى 2006- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بىرىنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
تيەنجىننىڭ «نىرېنجاڭ» لاي ھەيكىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرىدا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، جاڭ مىڭشەن ئەپەندى ئىجاد قىلغان، ھازىرغا قەدەر 180 يىللىق تارىخقا ئىگە. نىرېنجاڭ لاي ھەيكىلى روشەن رېئالىزملىق بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى، بەدەن قىياپىتى قاتارلىقلارنى ھەقىقىي سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. ئاناتومىيەلىك قۇرۇلمىسىنى قوغلىشىش، مۇبالىغە مۇۋاپىق، تەسۋىر مۇۋاپىق بولۇش، ئىشلىتىلگەن رەڭلەر كۆركەم، نەپىس ۋە چىرايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى ۋۇشى لاي ھەيكىلىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 400 يىلدىن ئاشتى. سەنئەتكارلارنىڭ دەۋر سەنئىتى ئەمەلىيىتى جەريانىدا، دۇنياغا داڭلىق خۇيشەن لاي ئادىمى بارلىققا كەلگەن. خۇيشەن لاي ئادىمىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، قېلىپتا ۋە قولدا ياساش، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. قېلىپتا ياسالغان لاي ئادىمى ياساشتا بەخىت-سائادەت ئاساسىي تېما قىلىنىدۇ. قېلىپ ئارقىلىق شەكىلنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن قولدا سىزما سىزىلىدۇ. ئۇنىڭ ياسىلىشى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، سىزىقچىلىرى ئاددىي، ئومۇمىي ھالىتى يىرىك ۋە يوغان، سىزمىلىرى مەردانە، رەڭ پەرقى ناھايىتى روشەن بولىدۇ. ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى كۆپرەك ياسىلىدۇ. قولدا ياسالغان لاي ھەيكەل-- قول ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان سەنئەت ئوبرازىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەزمۇنى ئاساسلىقى تىياتىر ماتېرىياللىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئادەتتە تىياتىر قونچاقلىرى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ئەمەلىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرمۇ بار. بىر ئەسەر پۇت تەرەپتىن باشلىنىپ، ئاستىدىن ئۈستىگە، ئىچىدىن سىرتىغا قارىتا ياسىلىپ، ئاندىن بۆلەكلەر ئۆز ئارا بىرلىشىپ، بىراقلا پۈتۈن چىقىدۇ. سىرتقى يۈزىگە نەپىس قەلەم بىلەن رەڭلىك سىزما سىزىلىدۇ. بېشىدىن ئايىقىغىچە، ئادەملەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن تارتىپ كىيىملىرىنىڭ ھەر-بىر قاتلاقلىرىغىچە ناھايىتى ئىنچىكە، چىرايلىق سىزىپ چىقىلىدۇ. قولدا ياسالغان تىياتىر قونچاقلىرى تىياتىر ئوينىلىدىغان تىپىك نەق مەيدان كەيپىياتىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، تىياتىردىكى پېرسۇناژلارنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان پەيتتىكى روھىي- ھالىتى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىلگەن. ياسىلىشى جانلىق، رەڭگى كۆركەم ۋە يېقىملىق، بېزەكلىرى نەپىس، قانچە ئۇزۇن ساقلانسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆي جاھازىلىرىغا تىزىپ قويىدىغان زىننەت بۇيۇملىرى ۋە سوۋغات بۇيۇملىرى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
لاي ھەيكەل توغرىسىدا سۆز بولۇنغاندا، كىشىلەرنىڭ يادىغا ئاۋۋال تيەنجىن لاي ھەيكىلى ياكى ۋۇشى خۇيشەن لاي ھەيكىلى كېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، نەنجىڭنىڭ ئۆزىدىمۇ لاي ھەيكەلدىن ئىبارەت بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بار بولۇپ، ئۇ يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. نەنجىڭ لاي ھەيكىلىنىڭ «نەنجىڭ كىچىك لاي ھەيكىلى» دېگەن يەنە بىر ئىسمىمۇ بولۇپ، بۇ ئىسىم نەنجىڭ لاي ھەيكىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. يەنى: بۇ ھەيكەل كىچىك، چاققان، ئاددىي، ساپ، قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان بولۇپ، تيەنجىن نىرېنجاڭ لاي ھەيكىلى، ۋۇشى خۇيشەن لاي ھەيكىلى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرققە ئىگە. بۇنىڭدا كۆپتۈرۈپ شەكىل ئۆزگەرتىشنى تەكىتلەيدۇ، يۇمۇرىستىك، جانلىق، قىزىقارلىق بولۇشنى قوغلىشىدۇ. تېما جەھەتتىن نەنجىڭلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، رەڭ جەھەتتە بېزەش ئۈنۈمى كۆپرەك قوغلىشىلىدۇ. نەنجىڭنىڭ كىچىك رەڭلىك ھەيكىلى «ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىلەن ئوخشىمايدىغاننىڭ ئوتتۇرىسىدا» بولۇپ، ئۇ سىرتقى كۆرۈنۈش گۈزەللىكى جەھەتتىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ۋۇشى خۇيشەن لاي ھەيكىلىدىن قېلىشمايدۇ. نەنجىڭ لاي ھەيكىلىنىڭ ئىككى چوڭ ئوخشاش بولمىغان تۈر ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچىسى، «ئۈچ ئۈلۈش ياساش، يەتتە ئۈلۈش رەڭ بېرىش»؛ ئىككىنچىسى، «يەتتە ئۈلۈش ياساش، ئۈچ ئۈلۈش رەڭ بېرىش» دېگەندىن ئىبارەت.
فېڭشياڭ رەڭلىك لاي ھەيكىلى شەنشى ئۆلكىسى فېڭشياڭ ناھىيەسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەل ئىچى ھۈنەر- سەنئىتىدىن ئىبارەت. يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «لاي بويۇم» دەپ ئاتايدۇ. فېڭشياڭ رەڭلىك لاي ھەيكىلى ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىرىنچىسى، لاي ئويۇنچۇق بولۇپ، ھايۋاناتلارنىڭ شەكلى ئاساس قىلىنىدۇ، ئادەتتە كۆپرەك ئون ئىككى مۆچەل ئوبرازى ياسىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئاسما بويۇملار، چاڭچىلە يۈز شەكلى، يولۋاس بېشى، كالا بېشى قاتارلىقلار ھەمدە «چى لىننىڭ ئوغلىنى ئۇزۇتىشى»، «سەككىز ئەۋلىيانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» قاتارلىق رىۋايەتلەردىكى ئوبرازلار؛ ئۈچىنچىسى، تىك تۇرغان ئادەم ئوبرازى. ئاساسلىقى ئەل ئىچىدىكى رىۋايەت ۋە تارىخىي ھېكايىلەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى ياساپ چىقىلغان. فېڭشياڭ لاي ھەيكىلىنىڭ جەمئىي 170 نەچچە تۈرلۈك رەڭ تۈرى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئىگىزلىكى ئادەمنىڭ يېرىمى بىلەن تەڭ كېلىدىغان زوڭزىيىپ ئولتۇرغان چوڭ يولۋاس شەكلى، ناھايىتى كىچىك ياسالغان توشقان شەكلى، كىچىك شىر قاتارلىقلار بار؛ ياساش جەريانىدا قارا سېغىز توپا، ئاق پاراشوك، تېرە يېلىمى قاتارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىپ شەكىل چىقىرىلىدۇ. شەكلى ئىخچام، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، بېزەكلىرى ئېسىل، چىرايلىق، مول ۋە مۇرەككەپ، رەڭگى كۆركەم، كۆرۈنۈشى نەپىس ۋە ئوماق. مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن ئەل ئىچى لاي ھەيكەللىرى ئىچىدە ئۆز ئالدىغا خاس ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن بىر تۈر.شەندۇڭ گاۋمىنىڭ نيېجياجۇاڭ كەنتى--ئېلىمىزدىكى لاي ھەيكەل بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى. بۇ يەرنىڭ لاي ھەيكەللىرى ئاددىي، گۈزەل، كۆركەم، مەردانە، قويۇق يەرلىك پۇراققا ئىگە بولۇپ، يەرلىك خەلق ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبىنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى