قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىچۈەننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تەۋە بولغان مەززىلىك تائاملىرى

2018-12-05 16:54:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سىچۈەننىڭ نەچچە ئون مىڭ خىل ئېسىل تائام تۈرلىرى بار. «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن، بىر قاتتىق ئۆلچەم بولۇشى كېرەك، يەنى ئاتا- بالا بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۇستاز- شاگىرت ياكى مەكتەپ قاتارلىق شەكىللەردە ئۈچ ئەۋلادتىن كۆپرەك تارقالغان بولۇش، تارقالغىنىغا يۈز يىلدىن ئاشقان بولۇش، نەسەبنامىسى ئېنىق، توغرا بولۇش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەززىلىك تائام پەقەت تاماق ئۆزى ياكى تەم جەھەتتە بەسلىشىش بولۇپلا قالماي، بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت، قائىدە- يوسۇن ۋە ئۆرپ- ئادەتنى مۇجەسسەملىگەن مەدەنىيەت مىراسى.
فۇشۇن دۇخۇا-- سىچۈەن ئۆلكىسى زىگۇڭ شەھىرى فۇشۇن ناھىيەسىنىڭ داڭلىق يېمەكلىكى بولۇپ، دۇخۇا يەنە«شۈيدۇخۇا»، «خۇيموئېر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فۇشۇن دۇخۇا ئالاھىدە تەييارلانغان سۈيى ۋە مىفەن بىلەن قوشۇپ يېيىلىدۇ. دۇخۇانىڭ «يۇمران، يۇمشاق، پاختىدەك، ئاق» قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى مۇۋاپىق بولۇپ، چىلىنىدىغان سۈيى «ئاچچىق، كاۋاۋىچىن تەملىك، خۇش پۇراق، يېڭى، تاتلىق» قاتارلىق تەملەرنى ھازىرلىغان دۇنياغا داڭلىق يېمەكلىك.
چۈەنبېي لەڭپۇڭى-- نەنچۇڭ شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىك. چۈەنبېي لەڭپۇڭى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ قىزىل لازا بىلەن ئارلاشتۇرۇلغان، يېڭى ۋە يېيىشلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھازىرغا قەدەر ئىستېمال قىلىنىپ كەلمەكتە. سىچۈەن لەڭپۇڭى ئېتىش ھۈنەر- سەنئىتى2007- يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
زىتۇڭ چۈرۈك پېچىنىسى-- زىتۇڭ چۈرۈك پېچىنىسىنىڭ ئەسلى ئىسمى «بوسۈيزى» بولۇپ، سىچۈەن ئۆلكىسى زىتۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى داڭلىق يېمەكلىكى، شۇنداقلا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە پىشۇرۇقلارنىڭ بىرى. ئۇ ئاساسلىقى بۇغداي جەۋھىرى، قىچا يېغى، بىرىنچى دەرىجىلىك ئاق شېكەر، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت ۋە ئۆزگىچە رېتسىپلار بىلەن تەييارلىنىدۇ. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا زىتۇڭ چۈرۈك پېچىنىسىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ كۆمۈر ئىشلىتىلەتتى، ھازىر قىزىل ئىنفرا نۇرلۇق ئوچاقتا پىشۇرۇلىدۇ. شەكلى يۇمىلاق ئاي شەكلىدە، رەڭگى سۇس سېرىق، پارقىراق، چۈرۈك، سىزىقچىلىرى ئېنىق ۋە تەملىك، ئېغىزغا كىرسىلا ئاسان ئېرىپ كېتىدىغان، خۇشپۇراق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھازىر، زىتۇڭ چۈرۈك پېچىنىسى لازا تەملىك، تۇخۇم تەملىك، سۈت تەملىك، مېۋە تەملىك قاتارلىق سەككىز خىلغا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قېرى- ياش ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلسىمۇ زېرىكمەيدىغان يېمەكلىك.
زىتۇڭ پيەنفېنى-- بۇ سىچۈەن ئۆلكىسى زىتۇڭ ناھىيەسىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ئېغىزنى قورۇيدىغان، ئاچچىق، كۈچلۈك تەم بار. ئىسسىققا مايىل، ئېلاستىك، يۇمشاق ۋە تەملىك. كىشىگە مۇزدەك تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. بۇ يېمەكلىكنىڭ سوغۇق ۋە ئىسسىقلىقى تەڭپۇڭ بولۇپ، ئادەم تىنىگە پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرىپى بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئۇنى يېگەندە تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماي، قورساقنى تويغۇزۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، يەنە ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش رولى، قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
خوبيەنزى كالا گۆشى-- قەدىمىي «تۇز يۇرتى» بولغان زىگۇڭ شەھىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى بولۇپ تەملىك، قەغەزدەك نېپىز، چۈرۈك ۋە يۇمشاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭلىق. خوبيەنزى كالا گۆشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 200 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. خوبيەنزى كالا گۆشىنى پىشۇرۇشتا ماتېرىيال تاللاشقا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ. تەييارلىنىش مەشغۇلاتى ئىنچىكە، ئۇزاق يىللىق سىناقتىن ئۆتكەن، تەمى ئۆزگىچە. خوبيەنزى كالا گۆشىنىڭ يېڭى تەمى كۈچلۈك بولۇپ، زىگۇڭ شەھىرىگە بېرىپ قالغان كىشىلەر ئۇنى بىر قېتىم تېتىپ باقسا، ئۇنىڭ تەمىگە ھەيران قالمايدىغىنى يوق. خوبيەنزى كالا گۆشى ھازىرغا قەدەر زىگۇڭنىڭ خاس يېمەكلىكى بولۇپ كەلمەكتە.
جۈنتۈن قازان نېنى-- «سارماي قاتلىمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۈنتۈن قازان نېنى سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى پېڭجۇ شەھىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ئۇزۇن، ئۇزاق يىللىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، خاسلىققا ئىگە، تەملىك، چۈرۈك، يۇمران، ئېغىزغا كىرسىلا ئېرىپ كېتىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭلىق.
پىشيەن دۇبەن-- بۇ بىر تۈرلۈك ئەنئەنىۋى تەم تەڭشىگۈچ. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پىشيەن ناھىيەسىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى، سىچۈەن تائاملىرىدىكى ئاساسلىق خۇرۇچلارنىڭ بىرى. دۇبەن قىيامى تىلغا ئېلىنسا، ئۇ چوقۇم پىشيەن ناھىيەسىنىڭ مەھسۇلاتى.
لوڭچاۋشۇ-- سىچۈەننىڭ داڭلىق يېمەكلىكى بولۇپ، يېڭى ۋە مەززىلىك تەمى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. چېڭدۇنىڭ «لوڭچاۋشۇ» ئاشخانىسى 1941- يىلى چېڭدۇنىڭ يۆلەيچاڭدا ئېچىلغان بولۇپ، 1950- يىللىرى شىنجىچاڭغا كۆچكەن. 1960- يىللىرى چۈنشى يولىنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ ھازىرغىچە شۇ يەردە ئېچىلىۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر 60 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
فۇچى ئۆپكە پارچىسى-- «فۇچى ئۆپكە پارچىسى» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ يېمەكلىك ئەمەلىيەتتە ئۆپكىدىن ئېتىلمىگەن. بۇ تاماق ئاساسلىقى كالا بېشى تېرىسى، كالا يۈرىكى، كالا تىلى، كالا قۇرسىقى، كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدۇ. ئۇنى تەييارلاشتا ماتېرىيال تاللاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. تەييارلىنىشى ئىنچىكە، تەمى سىناقتىن ئۆتكەن«فۇچى ئۆپكە پارچىسى» نىڭ پارچىسى چوڭ ۋە نېپىز، ئاچچىق- چۈچۈك ۋە تەملىك، يۇمران بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.شيەنشى جاڭيوسى-- لۇجۇ شەھىرى خېجياڭ ناھىيە شيەنشى بازىرى-- سىچۈەننىڭ جەنۇبى بىلەن گۈيجۇنىڭ شىمالىي تۇتاشقان جايدىكى چىشۈي دەرياسى بويىغا جايلاشقان. قەدىمكى دەۋىردە سىچۈەن تۇزى زىگۇڭدىن لۇجۇغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاندىن چاڭجياڭ دەرياسى ئارقىلىق چىشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا توشۇلۇپ، ئاخىرىدا شيەنشى بازىرى ۋە ماۋتەي بازىرىدىن ئۆتۈپ لۇيۈن ئارقىلىق گۈيجۇغا توشۇلاتتى. شيەنشى بازىرىنىڭ تۇز خام ئەشياسى يېتەرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، جاڭيو ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلغان. جاڭيو ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى خەن سۇلالىسىدىن باشلىنىپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۈللەنگەن. ئىشلەپچىقارغان جاڭيولىرىنىڭ «جاڭيو تەمى قويۇق، تەمى ئېسىل ۋە ساپ» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سىچۈەننىڭ جەنۇبى بىلەن گۈيجۇنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە بىر قەدەر داڭلىق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى