قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بازار

2018-12-05 16:58:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«بازار» نىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ بازار ئەمەلىيەتتە سودا- سېتىق قىلىدىغان تىجارەت سورۇنى. بازار كۆلىمى يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بازارنىڭ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئۈرۈمچىدە سىز دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بازارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولالايسىز.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى 2003- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپىي مەھسۇلاتلىرى يىغىلغان جاي ۋە كۆگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى. «شىنجاڭ كۆزنىكى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا كۆزنىكى» ۋە «دۇنيا كۆزنىكى» دېگەن ناملاردا تەرىپلەنگەن. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى قۇرۇلۇشى 2004- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «ئون چوڭ قۇرۇلۇش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ئىقتىدار خاراكتېرى ۋە دەۋىر خاراكتېرى ئاساسىدا قەدىمىي يېپەك يولىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى نامايەن قىلغان. بۇ بازاردا قويۇق ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك مەدەنىيەت مەركەزلىك ئەكس ئەتكەن.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلىمى 39 مىڭ 888 كۋادىرات مېتىر، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كۋادىرات مېتىر كىلىدۇ. بۇ بازاردا 3 مىڭ قول ھۈنەر- سەنئەت بويۇمى دۇكىنى، 3 مىڭ كۋادىرات مېتىرلىق مەيدان، مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا غىزالىنالايدىغان رېستۇران، 80 مېتىر ئىگىزلىكتىكى مەنزىرە كۆرۈش مۇنارى بار. بىرىنچى قەۋەت مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 216.5 كىۋادىرات مېتىر؛ ئىككىنچى قەۋەت رېستۇران بولۇپ، رېستۇران تېمىدا «شىنجاڭدىكى ئون چوڭ سىر» دەپ ئاتالغان مەنزىرە سۈرەتلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلىك ئەسەرلەر بار. بۇ يەردە ھاراق ئىچكەچ قەدىم بىلەن ھازىرقى دەۋر گىرەلەشكەن سورۇندا ئولتۇرۇپ، جاھاندىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشقاچ كىشىلىك ھايات مۇساپىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گاھى مىللىي موزىكىنى ئاڭلاپ، گاھى شېرىن تۇيغۇلارغا غەرق بولۇش-- ھەقىقەتەن كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئاجايىپ قالتىس كۆرۈنۈش.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا سودىدا ئىشلىتىلىدىغان لېفىت، قوشۇمچە لېفىت قاتارلىقلار 55 كە يېتىدۇ. «دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بازار» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ئالتە بىنادىن تەركىب تاپقان. قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى جەھەتتە ئەڭ ئەقەللىي، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىلمىنتلاردىن توغرا پايدىلىنىلغان بولۇپ، يەرلىك سېرىق رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان. يۇنان، قەدىمكى رىم، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىناكارلىق ئىلمىنتلىرىنى يۇغۇرۇپ، ئۇنى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا سودا، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك- ئىچمەك بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر شىنجاڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى يىغىلغان ۋە كۆرگەزمە قىلىنىدىغان جاي. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىغا كەلگەندە چوقۇم كۆرۈپ كېتىشكە ئەرزيدىغان مۇنداق جايلار بار:
 شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسى. بۇ بىر T شەكىلدىكى پىيادىلەر كوچىسى بولۇپ، ئورنى، كەسىپ ھالىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن A، B، C دىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنگەن. بۇ رايونلاردا شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس تۈرلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئەسەرلىرى، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار، مودا يېمەك- ئىچمەك ۋە ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك قاتارلىقلار بار.
پىيادىلەر كوچىسى A رايونى: تىنچلىق جەنۇبىي يولىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ، ئىتتىپاق يولى ئېغىزىغىچە؛ شىمالى تەرىپى تىنچلىق جەنۇبىي يولى بىرىنچى كوچىسى تەرەپ بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 315 مېتىر، كەڭلىكى 26 مېتىر كىلىدۇ. بۇ كۇچىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە مەدەنىيەت ساياھىتى ھەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تۈرىنى ئاساس قىلغان. كوچىغا تىزىلغان 40 زىننەتلىك ھارۋىنىڭ ئوتتۇزىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەدەنىيەت ساياھەت بويۇملىرى تىزىلغان. ئون زىننەتلىك ھارۋىغا غەيرىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىلغان. ئىتتىپاق يولىدىن بۇغدا يولىغىچە بولغان بۆلەكتە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەدەنىيەت ساياھەت بويۇملىرى سېتىلىدۇ. ئوڭ تەرىپىدە خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى، رەسىم كارىدۇرى، كىتابخانا، ساياھەت بويۇملىرى دۇكىنى قاتارلىقلار بار؛ بۇغدا يولىدىن تىنچلىق جەنۇبىي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكىنىڭ ئوڭ- سول تەرىپىدە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنىڭ مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيى قاتارلىقلار بار.
پىيادىلەر كوچىسى B رايونى: بۇغدا يولىدىكى خەلقئارا چوڭ بازارغا جايلاشقان بۇ يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 134 مېتىر، كەڭلىكى 22 مېتىر كېلىدۇ. «خەلقئارا مودا» كوچىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خەلقئارا زامانىۋى كىچىك رېستۇران، قەھۋەخانا، ئاشخانا قاتارلىقلار بار، بۇ ئارلىقتىمۇ زىننەتلىك ھارۋىلار تىزىلغان.
پىيادىلەر كوچىسى C رايونى: بۇغدا يولىدىن دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىغىچە بولغان بۆلەككە جايلاشقان. شەرقتە ئازادلىق جەنۇبىي يولى، غەربتە لوڭچۈەن كوچىسى بولۇپ، يول بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 145 مېتىر، كەڭلىكى 15.5 مېتىر كىلىدۇ. بۇ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ يېمەك- ئىچمەك كوچىسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ كوچىدا 30 كىچىك دۇكان، 20 نەچچە زىننەتلىك ھارۋا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ 50 نەچچە خىل يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەززىلىك تائاملىرى يىغىلغان كوچا.
بۇ يەردە مەززىلىك تائاملاردىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، سىز چوقۇم ئالدى بىلەن ئولتۇرىدىغان ئورۇن تېپىۋېلىشىڭىز لازىم. ئاندىن يېمەكچى بولغان تائامنى بۇيرۇتسىڭىز بولىدۇ.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى چوڭ تىپتىكى زىياپەت زالى نۆۋەتتە شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ زال بولۇپ، چوڭ تىپتىكى سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا مىڭ ئادەم غىزالىنالايدۇ. شىنجاڭنىڭ مىللىيچە ناخشا- ئۇسۇللىرى، مەدەنىيىتى، يېمەك- ئىچمەكلىرى بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسۇللۇق زىياپەت زالى. يېمەك- ئىچمەك ئىستېمالى ئەنئەنىۋى چۆرىدەپ تاماق يېيىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. بۇ يەردە غەرب ئەللىرىنىڭ تارقاق تاماق يېيىش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئەل ئىچى ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئاڭلىغاچ يېمەك- ئىچمەكتىن ھوزۇرلىنىش ئاساس قىلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى