قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

2018-12-05 18:01:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زامان ۋە ماكان ھالقىغان دوستلۇق، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمراھلار

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، دۆلەت رەئسى شى جىنپىڭ پورتۇگالىيەنىڭ «ئاخبارات گېزىتى»دە «زامان ۋە ماكان ھالقىغان دوستلۇق، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمراھلار» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. 1979- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 40 يىل مابەينىدە، جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل مۇقىم، تېز تەرەققىياتنى ساقلاپ، ئاددىي بولمىغان تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىككى تەرەپ باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇزاق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى ئارقىلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو- پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيتىپ، جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ. بىرىنچى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستلاردىن بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ۋە ھۆرمەتلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىككىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھازىرقى تۈرلەرنى داۋاملىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش ئەلچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، دېڭىز- ئوكيان ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، «دېڭىز- ئوكيان ئىقتىسادى»نىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇش كېرەك. «دېڭىز- ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»نى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، «دېڭىز- ئوكيان ئىقتىسادى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز- ئوكيان ئارقىلىق ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىش كېرەك. بەشىنچى، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا سىستېمىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئورتاق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىشىنىمىزكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو- پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ كېمە يەلكەن چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پورتۇگالىيە مېنىڭ ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسىغا قىلىدىغان زىيارىتىمنىڭ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بۇئېنۇس ئايرېس باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھالقىپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا زىيارەتتە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىش، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، يەر شارىنى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىشتەك كۈچلۈك ساداسىنى، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى ئۈمىد قىلىش، تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىش، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك گۈزەل ئارزۇسىنى ھېس قىلدىم. بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر كېڭىشىشكە ئەمەل قىلىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، دۇنيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى