قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2018-12-05 18:03:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پاناما شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، پاناما جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پاناما شەھىرى، 12- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، جېڭ كەيجۈن). شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن پاناما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەمكارلىق نەتىجىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاناما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىدە كۈچلۈك قەدەم تاشلاندى. مەن ۋە زۇڭتۇڭ ۋارېلا ئۆزئارا زىيارەتتە بولدۇق، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق تېز راۋاجلىنىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تامامەن توغرا بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە مېھىر- مۇھەببەت ۋە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو- پاناما دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان دىپلوماتىيە فاڭجېنى. جۇڭگو تەرەپ پاناما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، پانامانىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بىر مۇھىم ئورتاق تونۇشى بار، ئۇ بولسىمۇ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشنى خىزمەتلەرنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى سىنايدىغان ئۆلچەم قىلىشتۇر. بۇ ئىدىيە جۇڭگو بىلەن پانامانى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى، كەلگۈسىدىمۇ ئىككى تەرەپنى ھەمكارلىق جەريانىدا ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاناما تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، پارتىيەلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاناما تەرەپنىڭ تەيۋەن قاتارلىق جۇڭگونىڭ مۇھىم، زور يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيەلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئىچكى ئىشلارغا ئارلاشماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، پاناما قانىلىنىڭ پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پانامانىڭ قانالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، قانالنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ خەلقئارا قاتناش سۇ يولى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، پاناما تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاناما تەرەپنىڭ «2030- يىلىغىچە بولغان دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى ئىستراتېگىيەسى» جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن يۈكسەك ماسلاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، تۆمۈريول، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاناما قانىلىنىڭ 2- چوڭ خېرىدارى. ئىككى تەرەپ مال يىغىش- توشۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، پاناما قانىلىنىڭ جۇڭگودا پۈتۈن يەر شارى سودىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتنىشىش داۋامىدا تېخىمۇ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا پاناما بىلەن ئەركىن سودا سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، پانامانىڭ دېڭىز مەھسۇلاتى، گۆش تۈرى، بولوسى قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پانامادا خەلق پۇلى راسچوت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئادىمىيەت ۋە يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش- كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردىكى پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، جۇڭگو- لاتېن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك قاتارلىق خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

  ۋارېلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پانامادا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەت چوقۇم پاناما- جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. پاناما بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنىڭ ياخشى ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ پائال ئالغا سىلجىتىلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمەن. پاناما تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پانامانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. پاناما بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى قوللايدۇ. پاناما تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەبلەغ سېلىش، پورت تىرانسپورتى، ئەركىن سودا رايونى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بالدۇرراق ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. پاناما ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئامېرىكا ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان دەرۋازا ۋە تۈگۈنگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پاناما- جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، رايون خەلقىگىمۇ بەخت يارىتىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى، يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پاناما شەھىرى، 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۇ جىن، ۋاڭ جولۈن). شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاناما شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، پاناما جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ يەر ۋاقتى سائەت 20 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پاناما شەھىرى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلۈمىسىدىن چىقتى، پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا ۋە رەپىقىسى كاستىللو ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھال سورىدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇردى.

  ۋارېلا شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئايروپورتتا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى قىزىل گىلەمنى بويلاپ پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو- پاناما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ۋارېلانىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  يەرلىك ئۇسسۇل ئارتىسلىرى قىزغىن ھەم شادىيانە مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىدى، بالىلار، ئۆسمۈرلەر گۈل ۋە جۇڭگو- پاناما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، يىراقتىن كەلگەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن قەدىمىنى توختىتىپ زور ئىشتىياق بىلەن كۆردى ۋە قول ئىشارىتى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مېنىڭ پانامادا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم پانامادا زىيارەتتە بولۇشى. مەن جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن پاناما خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ياخشى تىلەك بىلدۈرىمەن. بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن پاناما بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 160 يىلدىن ئارتۇق ئالاقە تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. جۇڭگو بىلەن پاناما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۈچلۈك قەدەم تاشلاندى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ ھەم يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو- پاناما ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زىيارەت مەزگىلىدە ۋارېلا زۇڭتۇڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېي چياڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئارگېنتىنادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن پاناماغا يېتىپ باردى. بۇئېنۇس ئايرېستىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  پاناما شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت سەپىرىدىكى ئۈچىنچى بېكەت. شى جىنپىڭ يەنە پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى