قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىلى ئوبلاستى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

2018-12-06 12:15:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئىلى ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپلا قالماي، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى.
سىرت قار- مۇز بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، غۇلجا شەھىرىنىڭ قارا دۆڭ يېزىسى «كۆكلەم» كۆكتات بازىسىدىكى پارنىكلارنىڭ ئىچى يەنىلا باھاردەك ئىللىق ئىدى. كۆكتات توپ تارقىتىش سودىگىرى لى چىڭسۇڭ بىلەن دېھقان زېڭ چىڭئەن خالتىلارغا قاچىلانغان يېڭى كۆكتاتلارنى ئاپتوموبىلغا بېسىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرى ۋە كۆكتات توپ سېتىش بازارلىرىغا توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. لى چىڭسۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 80- يىللاردا پارنىك بولمىغاچقا، قار ياغسىلا كۆكتاتلار توڭلاپ قالاتتى. ھازىر ئەتىگەندىلا كۆكتاتلارنى سېتىپ بولىمەن، چۈشتىن كېيىن بولغاندا كۆكتاتلارنى خالتىلارغا قاچىلايمەن.
دېھقان زېڭ چىڭئەن 30 يىل كۆكتات تېرىغان ئىدى. ئۇ دەسلەپتە پاكار پارنىكتا يالغۇز ئىشلەپ،2008- يىلى قارا دۆڭ يېزىسى «كۆكلەم» كۆكتات بازىسىغا كېلىپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىدى. زېڭ چىڭئەن بازا تەمىنلىگەن مايسا، خىمىيەۋى ئوغۇت، تېخنىكا ۋە سېتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولدى. ھازىر، ئۇنىڭ كۆكتات پارنىكى ئالتىگە يەتتى، يىلدا قىلىدىغان ساپ كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. زېڭ چىڭئەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئەگمە لاپاستا كۆكتات تېرىغان بولسام ھازىر پارنىكتا شوخلا، لازىلارنى تېرىشقا باشلىدىم. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكۈلۈك رولىدا كۆكتاتلارنى ياخشى باھادا ساتالايدىغان بولدۇم.   پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆكتات سېۋىتىنى تولدۇرۇپلا قالماي، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، تېخىمۇ كۆپلىگەن دېھقان ئۆزگىچە مېۋە- كۆكتاتلىرىنى پارنىكتا تېرىماقتا. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇنجاچى نېرۇ بازىرى چولپان كەنتىدىكى ساۋمېي كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ «ساۋمېي، موگو» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ستېرېئولۇق تېرىقچىلىق ئەندىزىسى ئۇدا ئالتە يىل يولغا قويۇلۇپ، پارنىك دەسلەپكى 13 دىن ھازىرقى 120 گە كۆپەيدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جۇ فاخۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: موگو كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان ساۋمېي پارنىكىدىن قىلىدىغان ساپ كىرىمىمىز 70 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتتىن قىلىدىغان كىرىمنىڭ 3 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. ساياھەتچىلەر بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە شەھەردىن يېزىغا بېرىپ پارنىكلىرىمىزغا كېلىپ ساۋمېيلارنى ئۈزەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كىرىم يولىمىز كېڭەيدى. مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىپ يېشىل ماركا ياراتتۇق. پارنىكتىكى كۆكتات- مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلمىساق، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالمايمىز. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، كوچىلار ئاپتوموبىل بىلەن لىق تولۇپ كېتىدۇ. كەنتىمىزگە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بار. ئۇلار ئاساسلىقى ساۋمېيلىرىمىزنى ئۈزگىلى كېلىدۇ. بازىمىزدا ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق قىلىدىغان كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى.
ئىلى ئوبلاستى ئۆزگىچە مېۋە- كۆكتاتلارنى تېرىپ، ئۇنى ياخشى سېتىش ئۈچۈن، بۇلتۇر پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئىلى كۆكتىتى»، «ئىلى قارا بۇغدىيى»، «ئىلى زاراڭزىسى» قاتارلىق 11 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونىدىكى ئاممىۋى ماركا ۋە بىر يۈرۈش كارخانا ماركىسى، تاۋار ماركىسىنى يارىتىپ، شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خۇاشىڭ مۇنداق دېدى: ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونىدىكى داڭلىق ماركىلار ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 50 باشلامچى كارخانىدا ئومۇملاشتۇرۇلدى. كارخانىلارمۇ ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى ياراتتى. بىز يەنە جۇغراپىيەلىك بەلگە ئېتىراپنامىسىنى ئىلتىماس قىلدۇق، ئالاقىدار يەرلىك ئۆلچەملەرنى تۈزۈۋاتىمىز، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرىمىز. ئاخىرىدا ئىلى ئوبلاستىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، مەھسۇلاتنى تېخىمۇ ياخشى سېتىپ، كەسىپنى يەنىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى تېزرەك ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى