قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىلان ماكانى مول ھوسۇل ئالدى

2018-12-06 12:24:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزا ئىسلىقدۆڭ كەنتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60- يىللىرىدا جياڭسۇدىن چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلگەن ياشلار شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە بوز يەر ئاچقان جاي. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، چىلانچىلىق كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇردى ۋە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزا ئىسلىقدۆڭ كەنتىدە، كەنتتىكى ئەڭ تەجرىبىلىك چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكى شى خېشەن ۋە چىلان ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى لى دېجېن بۇ يىل كەنت يېڭىدىن سېتىۋالغان چىلان تاسقاش ماشىنىسىنى «چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار چىلان ھەمكارلىق كوپىراتىپى» غا يۆتكىدى. بۇ يىل كەنتتىكى چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىندى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 500 توننىدىن ئارتۇق چىلىنى بالدۇرلا زاكاز قىلىنىپ بولدى. بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن شى خېشەن كەنتنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنىڭ 2- سىپىگە چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كەنتنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش، سېتىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60- يىللىرىدا، شى خېشەن جياڭسۇدىن چېگرا رايونغا ياردەمگە كەلگەن 100 گە يېقىن ياش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ھازىرقى ئىسلىقدۆڭ كەنتىگە كېلىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. شى خېشەن مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە ئادەمزات ئاياغ باسمىغان، ھەممىسى چۆللۈك بولۇپ، گەمىدە تۇرغان ئىدۇق. تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن بوز يەر ئېچىشقا ئاتلاندۇق. بىز قۇملۇقنى ئاز- ئازدىن تۈزلەپ، ئېرىق- ئۆستەڭ چېپىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرمىڭ 700 مودىن بىر مىڭ 800 موغىچە سالا ئېتىز بەرپا قىلدۇق.
بوز يەر ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىسلىقدۆڭ كەنتى ئاساسلىقى كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىپ، كىيىش- تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 1980- يىلدىن كېيىن كىيىش ـ تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار دېھقانلارنى يېتەكلەپ پىياز، ياڭيۇ قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. 1987- يىلى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت خېنەندىن بىر تۈركۈم چىلان كۆچىتى كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلارنى سىناق قىلىپ تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇ چاغدا ئىسلىقدۆڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى خېشەن باشلامچىلىق بىلەن 2 مو يەرگە چىلان تېرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىشقا پائال يېتەكلىدى. شى خېشەن مۇنداق دېدى: بىز چىلان ئۆستۈرۈپ توغرا قىلدۇق. كۆپچىلىك تۈرلۈك ئاماللار بىلەن چىلان دەرىخىنى ياخشى پەرۋىش قىلدى. ھۆكۈمەت تېخنىكلارنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ ئۈلگە كۆرستىپ، دېھقانلارغا ھەقسىز ئۆگەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمەت ياردەم بەردى. 2004- يىلى كەنتىمىزدىكى چىلانلىق كۆلىمى 3 مىڭ مودىن ئاشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن شى خېشەن قاتارلىق كىشىلەر چىلان كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش بىلەن بىللە، يەنە ئەلا سۈپەتلىك چىلان سورتلىرىنى ئۈزۈكسىز كىرگۈزدى ۋە ياخشىلىدى. چىلان پەيدىنپەي ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى ئاساسلىق زىرائەتكە ئايلاندى ھەمدە پۈتۈن يېزا، كەنت ۋە ئەتراپتىكى يېزا- بازارلارغىچە كېڭەيتىلدى. بەشتوغراق يېزىسىنىڭ سىياۋېشىم كەنتىدىن كەلگەن مەتسىدىق يۇنۇس مۇنداق دېدى: ھەممە ئادەم ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى چىلاننىڭ ياخشى ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى بىلىدۇ. باشقا جايلاردىكى كىشىلەر خېشەن ئاكامدىن چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. مەن ھازىر تۆت مو يەرگە چىلان تېرىدىم، يىللىق كىرىمىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تۇرمۇشىمىزنى يەنىمۇ ياخشىلايمەن.
بۇ يىل لوپ ناھىيەسى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بەشتوغراق يېزىسىدا «چىلان مول ھوسۇل بايرىمى»، «چىلان ئۈزۈش بايرىمى» قاتارلىق مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى خوتەن چىلىنىنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. بەشتوغراق يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن يېزىدا 42 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىڭ مو چىلانلىق بار. بىز چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار مەدەنىيىتى ئارقىلىق چىلانچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، چىلانچىلىق كەسپىنى ساياھەتچىلىكنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى