قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باقمىچىلىق كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى

2018-12-06 15:45:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خوتەن شەھىرنىڭ شورباغ يېزا ئايدىڭكۆل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەت كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلار كومىتېتى بەنزىسىنى يېتەكلەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە ماسلىشىپ، زېھنىنى كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات پارنىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باقمىچىلىق كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.
خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزا ئايدىڭكۆل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەتنىڭ كۆكتات پارنىكىدا، موگۇلارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. بۇ-- كەنتتىكى 180 كۆكتات پارنىكى ئىچىدە موگۇ ئۆستۈرۈلگەن تۇنجى ئۈلگىلىك پارنىك ئىدى. بۇ يىل5- ئايدىن ھازىرغىچە، مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 22 نامرات ئائىلە پارنىكتا موگو ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا پەقەت بەسەي، پىياز تېرىپ پۇل تاپاتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلار كومىتېتى شۇنىڭدەك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، موگونىڭ بازار ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئەمما، موگونى كۆپچىلىك تېرىپ باقمىغاچقا، تېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. پارتىيە ئەزاسى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇشۇم كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كەنت ئاھالىلىرى بىز بىلەن بىللە ئىشلەيدۇ.
  ئايدىڭكۆل كەنتى-- ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، 128 نامرات ئائىلىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەنىدى. مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەت بۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل9- ئايدا، يەنە كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئابلا مەخمۇتنى سەپەرۋەر قىلىپ، «بەخت» باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 25 نامرات ئائىلىنىڭ 50 كالىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇردى. ھەر بىر كالىغا يىلدا تەخمىنەن مىڭ يۈەن پايدا تەقسىم قىلىنىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە 8 نامرات ئاھالىنى كوپىراتىپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئابلا مەخمۇت مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ھازىر نورمال ئىزغا چۈشۈپ، بوردالغان كالىلارنى سېتىپ چىقىرىپ، ئاندىن موزاي سېتىۋېلىپ داۋاملىق بوردايدىغان بولدۇق. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كوپىراتىپىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوغۇت شىركىتىنىڭ قەرەللىك ھالدا كوپىراتىپقا كېلىپ كالا تېزىكىنى توشۇپ كېتىشى، بىر ئاپتوموبىل كالا تېزىكىگە مىڭ يۈەن بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. كوپىراتىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەزالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشەنچىم بار.
كەنت ئاھالىسى ئامىنە ئىمىن ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئائىلىسىدە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدى. مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەت بۇنىڭغا قارىتا، كەنتتىكى ئەھۋالى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەش نامرات ئائىلىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شورباغ يېزىسىدىكى 30 كۋادرات مېتىرلىق ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكاندا ھەر خىل پاسوندىكى ئاياغ سېتىشنى قولغا كەلتۈردى. ئامىنە ئىمىن مۇنداق دېدى: ياچىيكا شۇجىسى بىزگە «ئاياللار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرسەڭلار بولمايدۇ دېدى». مەن ھازىر ھەر كۈنى دۇكانغا بېرىپ ئاياغ ساتىمەن، تىجارىتىم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. دۇكاندىن باشقا، يەنە ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ بازارلىرىغا بېرىپ ئاياغ ساتىمەن. ھازىر، ئايدا 1 مىڭ 500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. 
مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەت«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىش بىلەن بىللە، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلدى. ھازىر، ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى كەنت دەرىجىلىك يول مۇساپىسى تېخىمۇ ئۇزاردى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىتىلىپ بولدى. پۈتۈن كەنت رەتلىك ھەم چىرايلىق بولۇپ كەتتى. مەتتۇرسۇن غوجىئەخمەت مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆكتات پارنىكى ۋە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېڭى كۈچەيدى. كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بىز داۋاملىق تىرىشىپ، ساپايىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى