قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياڭ زۇڭزۇڭ خەلق ئارىسىدا شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇشقا بەل باغلىدى

2018-12-06 16:15:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  18 يىلنىڭ ئالدىدا، 16 ياشلىق ياڭ زۇڭزۇڭ دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى كەترەن گۈلى تۈرىنى بايقىغاچقا، «كىچىك چاڭجياڭ ئالىمى» دەپ نام ئالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە 34 ياشلىق ياڭ زۇڭزۇڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان گۈل- گىياھلاردىن ۋاز كەچمەي، سىرتقا چىقىپ ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارىسىدا شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇشقا بەل باغلىدى.
ياڭ زۇڭزۇڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆسۈملۈكلەرگە بەكمۇ قىزىقاتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، «جۇڭگو ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك رەسىملىرى» دېگەن كىتاب ئۇنىڭ قولىدىن چۈشمەيدىغان بولدى. 1998- يىلى ئۇ تاغقا چىقىپ، بىر خىل كەترەن گۈلىنى كۆرۈپ، ئۇنى تۈرگە ئايرىشقا ئامالسىز قالغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى كەترەن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستاز چېن شىنچىغا خەت يازدى ھەمدە گۈل ئەۋرىشكىسىنى قوشۇپ ئەۋەتتى. چېن شىنچى ئەپەندى جاۋاب خەت يېزىپ، بۇ گۈل ئىسمىنىڭ «كىچىك گۈللۈك كەترەن» ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مۇشۇ بايقاش ئارقىلىق، ياڭ زۇڭزۇڭ مەملىكەتلىك ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا شۇنداقلا «كىچىك چاڭجياڭ ئالىمى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ياڭ زۇڭزۇڭ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا بوۋامنىڭ «جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى قوللانمىسى» نى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. ئۇ قوللانمىدىكى رەڭسىز رەسىمنى كۆرۈپ قىزىقاتتىم، شۇ كىتابنىڭ تەسىرىدە بۇ يولغا ئاستا- ئاستا ماڭدىم.
ھازىر ياڭ زۇڭزۇڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر چېنىقىش مەركىزىنىڭ تېرىنىرى. ئەمما، ئۇ ئەزەلدىن ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئۇنى ۋە تەتقىق قىلىشتىن ۋاز كىچىپ باقمىدى. بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىللىرىدە، ياڭ زۇڭزۇڭ تۈرلۈك قىسقۇچ ۋە يىمەك- ئىچمەكلىرىنى ئېلىپ دالىغا چىقىپ ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىش ھەقىقەتەن بەك جاپالىق. بولۇپمۇ، چۆللۈكتە يازدا ئاپتاپ ناھايىتى كۈچلۈك، پاشا بەك كۆپ. تاغقا چىققاندا بەك ھېرىپ كېتىمەن. بەزىدە ئادەم ئىزى يوق جايلارغىمۇ بېرىپ قالىمەن.
ياڭ زۇڭزۇڭنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىرگەن ئادەم خۇددى بىر ئۆسۈملۈك دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تەسىراتقا كىلىدۇ. كىتاب جازىسىدا ئۆسۈملۈك ئىلمىگە دائىر كىتابلار ناھايىتى كۆپ، ئىشكاپقا، ئۇ يىغىپ كەلگەن ئەۋرىشكىلەر قۇيۇلغان، دېرىزە تەكچىسىگە ھەرخىل گۈل- گىياھلار تىزىلغانىدى. ياڭ زۇڭزۇڭ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كىتاب ئۈستىلى ئالدىدا ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىشنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلاتتى ھەمدە دائىم كەچ سائەت بىر ئىككىگىچە داۋاملاشتۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەتقىق قىلغانسېرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دۇنياسىنىڭ ناھايىتى سىرلىق بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن. ئۆسۈپ، چېچەكلەپ، مېۋە بېرىشكىچە، ھەر بىر رايوندا ئوخشاش بىر تۈرنىڭ ئۆسۈش شەكلى ۋە رەڭگىدە پەرق بولىدۇ. ئۆسۈملۈك ئەمەلىيەتتە بەك ئەقىللىق. ئۇ تۈرلۈك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالايدۇ.
نۆۋەتتە، ياڭ زۇڭزۇڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈملۈك سۈرەتلىرى توپلىمىنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى مول بولغاچقا، «تەبىئىي ئۆسۈملۈك خەزىنىسى» دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مېنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىپ تەتقىق قىلىشىمدىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شىنجاڭدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، قۇملۇقتىن تارتىپ ئېگىز، سوغۇق جايلارغىچە، ئورمانلىق ۋە يايلاقلارغىچە بولغان ۋېرتىكال تارقىلىش بەلۋاغلىرى بار. جۈملىدىن بەزى تۈرلەر مەملىكەت بويىچە پەقەت شىنجاڭغىلا تارقالغان بولۇپ، بايقالمىغان، ئېنىق بولمىغان يەنە نۇرغۇن تۈرلەر بار.
ياڭ زۇڭزۇڭ ھازىرغىچە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغدى. ئۇنىڭ كەلگۈسىدە، خەلق ئارىسىدا شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى سارىيى ئېچىش ئارزۇسى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلغاندا ناھايىتى خۇشال بولىمەن، ئەلۋەتتە. ئىشىنىمەنكى، بۇ قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ قانچىلىك چوڭ، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتىينەزەر، پەقەت قىلىشنى خالىساملا، ھامان بىر كۈنى قىلالايمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى