قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ما جيەنمىڭلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2018-12-06 16:26:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

12-ئاينىڭ 6-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەكبەر تۇرغۇن؛ فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازارلىق پارتكومىنىڭ شۇجىسى ما جيەنمىڭلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئەكبەر تۇرغۇننىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: بىرلىكسەپ مىللەت، دىن ئىشلىرى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇرچۇمغا ئەمەل قىلىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.
ما جيەنمىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مەن ئۈلگىلىك رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى شۇنداقلا بۇزغۇنچىلىقىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش، ئەسەبىيزىمغا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەيمەن. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى