قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېنىڭ خاتېرەمدىكى چېن جىڭرۈن

2018-12-06 16:31:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇ چاغدا چېن جىڭرۈن تېخى نام چىقارمىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلەتتى: تومۇر سوقۇشى بەك ئاستا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەكلا تۆۋەن، جىسمانىي كۈچى ئاجىز، ئىنكاسى ئاستا ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزى ناھايىتى مۇلايىم بولسىمۇ، يەنىلا لايىقى يوق ئىدى، ئۇ چاغلاردا بىلىم پۇلغا يارىمىغاچقا لايىق تېپىشنىڭ مۇھىم شەرتى قىشتا يەيدىغان كۈزلۈك يېسىۋېلەكنى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇش بولۇپ، چېن جىنرۈن بۇ شەرتنى ئېنىقلا ھازىرلىمىغان ئىدى.
چېن جىڭرۈن جىمغۇر بولسىمۇ، لېكىن نىمىلا دېگەن بىلەن زىيالىي بولغاچقا، بەزىدە يۇمۇرىستىك ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ نامى چىقتى، ئۇنىڭغا خەت يازغان قىزلار مەيلى تەقى- تۇرقى ياكى ئەخلاق- پەزىلىتى جەھەتتە بولسۇن ھەممىسى ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلىرى ئىدى. ئۇ چېن خانىمنى ئۆزى بېكىتتى. چېن خانىمنىڭ ئىسمى يوۋ كۈن، ھەربىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئىنتايىن چاققان ئىدى. نەتىجىدە بىر كۈنى دادام چېن جىڭرۈن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ بېشىدىن ئايىغىغىچە ياپيېشىل رەڭلىك كىيىم، ئۈستىگە ئۇزۇن ھەربىيچە پەلتو كىيىۋالغان بولۇپ، كىشىگە غەلىتە كۆرۈنەتتى. ئۇ دادامغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ: «مەن ھەربىيلىككە قاتناشتىم» دېدى. ئۇ ئەمەلىيەتتە چىن يەڭگەمنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ئىدى.
چېن جىڭرۈن نام چىقارغاندىن كېيىن، مەندە بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى، ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنىدا چېن جىڭرۈننىڭ چىقىشىنى، پۈتۈنلەي ياخشى ئىش دىگىلى بولمايتتى، چۈنكى بىر مەزگىل كۆپچىلىكنى پاراكەندە قىلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئىش چېن جىڭرۈن بىلەن ھەم مۇناسىۋەتسىز ھەم مۇناسىۋەتلىك  ئىدى.
چېن جىڭرۈن نام چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆرمەك تەس بولۇپ كەتتى، ئۇنى كۆرگەندە، كۆڭلۈمدە پەقەت بىرلا ھىسسىيات بولاتتى يەنى «ئۆيىنى خانىۋەيران قىلغان ئادەمدەك كۆرۈنەتتى». ئەينى چاغدا بۇ خىل تۇيغۇ تولىمۇ غەلىتە ئىدى، كېيىن ئاندىن، چېن جىڭرۇننىڭ تۇرمۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستىن بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. بىر مەھەل نۇرغۇن «قەھرىمان ئەزىمەتلەر» ئىختىيارسىز ئۆز ئۆزىگە: «مەن ئىككىنچى چېن جىڭرۈن ئەمەسمۇ؟» دەپ سوئال قويۇشتى. ماتىماتىكا تەتقىقات ئورنى ھەر خىل «تالانت ئىگىسى» نىڭ خەتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن تاپشۇرۋالدى. ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىمۇ بەزىلەرنىڭ ھازىرغىچە ھەل بولمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ئىسپاتلاپ، ئۇنى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز تارقالدى.
بۇمۇ بەك ئاۋارىچىلىق ئىدى. ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنى دەسلەپتە بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قوبۇل قىلىۋېرىپ، ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنى «تالانت ئىگىسى» نى قوبۇل قىلىشتا سەل ئاستا بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بەزىلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى باستى، دەپ ئەيىبلىدى. بۇنداق ماقالىلەر كۆپ بولسا ياخشى بولمايتتى، رەھبەرلەر مۇھاكىمە قىلىپ، مەخسۇس بىر كۈتۈۋېلىش ئورنى تەسىس قىلدى، بۇ خىزمەتكە ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە مەسۇل ئەي بوۋاي مەسئۇل بولدى. ئەي بوۋاي ئىلگىرى كوماندىر  بولغان بولۇپ، مىجەزى چۇس بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى «ئەي ئەزىمەت» دەپ ئاتايتتى. ئۇ شەرقىي شىمالدىن خەينەنداۋ ئارىلىغا بېرىپ، خەينەندىكى ئەي ئانا بىلەن توي قىلىپ، بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئورۇنلاشقان ئىدى. مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان مىجەزى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا سالاھىيىتىگە ئىشىنىپ، رەھبەرلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشى بۇ قېتىم ئەسقاتتى. تەتقىقات ئورنى مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئون نەچچە ماتېماتىكا سوئالىنى يېشىشنى ئۆگەتتى، ئۇنىڭ كاللىسىمۇ ئىشلەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىيلەرنىڭ ئەستايىدىللىقى بولغاچقا، بۇ ئون نەچچە سوئالنىڭ تېگى- تەكتىنى ئېنىق بىلىپ، ناھايىتى تېزلا ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
 لاۋ ئەي «تالانت» ئىگىسىنى كۆرگەندە، ئالدى بىلەن كەيپىيات جەھەتتە ئۇلارغا ئۇتتۇرۇپ قويمايتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نېمىنى تەتقىق قىلغانلىقى بىلەن كارى يوق، مۇشۇ ئون نەچچە سوئالدىن بىرنى تاللاپ ئۇلارغا ئىشلىتەتتى. «ئىشلىيەلمىدىم؟!» دېسە، ئەي پالۋان كۆزىنى چەكچەيتىپ: «مۇشۇ سەۋىيە بىلەن پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە كېلەمتىڭىز؟ سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆيگە قايتىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ!» دەيتتى.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ھىچكىم ئەي پالۋاندىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيتتى. ھازىرقى ساختىلىققا زەربە بېرىشتە، ئۇنى ھەقىقەتەن سېغىنغان ئىدىم.
 ئۇ چاغلاردا، ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالدىدىكى دەرەخلىك يولدا ماڭغىنىمدا، بۇ يەر ھەمىشە بەك قىزىپ كېتەتتى، بەزىلەرنىڭ تۈرلۈك غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلۋاتقانلىقى ياكى ئۈستىگە قانداق مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقى يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۋالغانلىقى؛ ياكى ئىككى تۈپ دەرەخ ئارىسىدا تۇرۇپ مەيلى باشقىلار ئاڭلىسۇن- ئاڭلىمىسۇن ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولاتتى.
بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتى. ئۇ چاغدا خەلقىمىز ئىلىم- پەنگە شۇنچە مەپتۇن بولۇپ كەتكەنىدى-- بۇنىڭ ھەممىسى چېن جىڭرۈننىڭ ئىلتىپاتى ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى