قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانىنىڭ ھېسابىتى

2018-12-06 16:32:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىچىك پىتىر بولسا بىر سودىگەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بەزى چاغلاردا دادىسىنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ قارىشىپ بېرەتتى. ھەر كۈنى دۇكان ئىچىدىكى كىرىم- چىقىم ھېسابات تالونلىرىنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەندە، پىتىر تالونلارنى پوچتىخانىغا ئاپىرىپ سالاتتى. ئۇ بارا-بارا ئۆزىنى بىر كىچىك سودىگەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
بىر قېتىم ئۇ تۇيۇقسىز بىر ئامالنى ئويلاپ تاپتى. يەنى بىر پارچە پۇل تاپشۇرۇش تالونىنى يېزىپ ئانىسىغا بېرىپ، ئانىسىدىن ئىش ھەققى ئالماقچى بولدى. 
بىر كۈنى ئانىسى تەخسىنىڭ يېنىدىكى پۇل تاپشۇرۇش تالونىنى كۆرۈپ قالدى. تالوندا ئانىسىنىڭ پېتىرىغا تۆۋەندىكى ئىشلاردا قەرز ئىكەنلىكى يېزىلغانىدى:
تۇرمۇش مۇلازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن 20 فىنىگ؛
تالونلارنى پوچتىخانىغا ئاپىرىپ سالغىنىم ئۈچۈن 10 فىنىگ؛
باغچىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكىنىم ئۈچۈن 20 فىنىگ؛
بىر گەپ ئاڭلايدىغان بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن 10 فىنىگ؛
جەمئىي: 60 فىنىگ.
پىتىرنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ ھېسابات تالونىنى ئىنچىكە كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
كەچتە، پىتىر تەخسىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان پۇلنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا يانچۇقىغا سېلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ كۆزى تەخسىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان يەنە بىر ھېسابات تالونىغا چۈشۈپ قالدى.
ئۇ بۇ قەغەزنى ئېچىپ ئوقىدى.
سېنىڭ بۇ ئۆيدە 10 يىلنىڭ ياقى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقىنىڭ ھەقسىز.
10 يىلدىن بۇيان يىگەن- ئىچكىنىڭ ھەقسىز.
سېنىڭ ئاغرىپ قالغان چاغلىرىڭدا داۋالاتقىنىم ھەقسىز.
سەن ئۈچۈن بەرگەن ئانىلىق مېھرىم ھەقسىز.
جەمئىي: ھەممىسى ھەقسىز. پىتىر بۇلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خىجىل بولدى ۋە يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى. ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ ئانىسىغا يېقىنلاشتى- دە، كىچىككىنە مەڭزىنى ئانىسىنىڭ باغرىغا يېقىپ، ئېھتىيات بىلەن 60 فىنىگ پۇلنى ئانىسىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى