قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

<مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريا رەسىمى> نىڭ قالتىس يېرى نەدە

2018-12-06 16:34:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريا رەسىمى» نى كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم بۇ ھەيۋەتلىك، رەڭگارەڭ غايەت زور مەنزىرە رەسىمىگە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ. بۇ رەسىمنىڭ كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ روشەن رەڭگى ۋە غايەت زور ھەجىمى ۋە نىسبىتى. پۈتۈن رەسىم قويۇق مىنېرال بوياقلار بىلەن سىزىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدە تارقالغان باشقا ھەر قانداق يېشىل تاغ- دەريالار تەسۋىرلەنگەن رەسىملەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر، ئېگىزلىكى يېرىم مېتىردىن ئاشىدۇ، چوڭ- كىچىكلىكى جاڭ زېرۈينىڭ دۇنياغا داڭلىق بولغان «جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى بازار» ناملىق رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. رەسىمدىكى ئېگىز-پەس، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ چوققىلىرى، ئېگىز قىيالار ۋە شارقىراتمىلار تاغ ئارىسىدىكى ئۆيلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، سۇ چاقپېلىكى ۋە كۆۋرۈكلەر يەر شارائىتىغا قاراپ ياسالغان، كۆللەردە بېلىقچىلار كېمىسى ۋە ساياھەت كېمىلىرى چايقىلىپ تۇراتتى، سۇ ۋە ئاسماننىڭ بىر- بىرىگە تۇتۇشۇپ كېتىشى، دەريا- ئېقىنلارنىڭ چەكسىزلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ تۇراتتى.
رەسىمنىڭ ئاستىغا خۇي زۇڭ خاننىڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرى سەي جىڭنىڭ بېغىشلىمىسى يىزىلغان. بېغىشلىمىدا، سەي جىڭ بۇ رەسىمنى خۇي زۇڭ خاننىڭ جېڭخېنىڭ 3- يىلى يەنى 1113- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى سوۋغا قىلغانلىقى، رەسسامنىڭ ئىسمى «شى مېڭ» بولۇپ، ئىلگىرى «رەسىم سىزىش يۇرتى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، 18 يېشىدىلا ئوردىغا چاقىرىلغانلىقى، شۇنداقلا نۇرغۇن رەسساملار ئىچىدە تالانتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن خۈي زوڭ خانغا رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىشگە مۇيەسسەر بولۇپ، يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ تاغ- دەريا تەسۋىرلەنگەن رەسىمنى سىزىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. سەي جىڭنىڭ بېغىشلىما يازغان ۋاقىتىدىن مەلۇمكى، «مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريا رەسىمى» ئەڭ كېچىككەندىمۇ جېڭخېنىڭ 3- يىلى تاماملانغان، «شى مېڭ» زادى قەيەرلىك؟ تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇ توغرىلىق ھىچ قانداق مەلۇمات يوق. ھەتتا خۇي زۇڭ خاننىڭ ئەينى چاغدا رەسىم يۇرتىنىڭ پائالىيىتىنى خاتىرلىگەن «رەسىملەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە باھالاش ھەققىدە ئەندىزىدىمۇ» بۇ ھەقتە ھىچ قانداق ئۇچۇر يوق. پەقەت رەسىمدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى يىغىپ ساقلىغۇچى لياڭ چىڭبياۋنىڭ ئىمزاسى ۋە سۇڭ لونىڭ شېئىرىدىن «شى مېڭ»نىڭ فامىلىسىنىڭ ۋاڭ ئىكەنلىكى مەلۇم. سۇڭ لو ۋاڭ شىمېڭنىڭ بۇ رەسىمنى سىزىپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، 20 نەچچە يېشىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى قىياس قىلغان. ئەمما، ھازىرغىچە بۇ قاراشنى ئىسپاتلايدىغان ھىچ قانداق تارىخىي پاكىت يوق.
 ۋاڭ شىمېڭنىڭ تا ھازىرغىچە يېشىلمىگەن كەچۈرمىشىگە سېلىشتۇرغاندا، «مىڭ چاقىرىملىق تاغ ـ دەريا رەسىمى» نىڭ ئۆزىدە ۋاڭ شىمېڭنىڭ سەنئەت نەتىجىلىرى ھەمدە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدە تارقالغان مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئادىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار نامايەن قىلىنغان. مەسىلەن: سەي جىڭنىڭ بېغىشلىمىدىن كېيىن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى پۇ گۇاڭ ئۆزىنىڭ بېغىشلىمىسىدا: «مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريا رەسىمى» نى ماختىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ 15 يېشىدا بۇ رەسىمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ ھازىرغىچە، يۈز قېتىمغا يېقىن كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم رەسىمنى ئېچىپ كۆرگەندە رەسسامنىڭ ماھارىتىگە قايىل بولىدىغانلىقى ھەمدە پۈتۈنلەي يېڭى تەسىراتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قانداقلا بولمىسۇن بۇ رەسىمدىكى رەڭلەر روشەن، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەپچىل بولۇپ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسسام ۋاڭ شېن، جاۋ بوجۈلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرالمايدۇ.
ھەقىقەتەن، ھەرقانداق ئادەم ۋاڭ شىمېڭنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريالار رەسىمى» گە ئوخشاش نەپىس ئەسەر ئالدىدا پۇ گۇاڭدەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە يەنە پۇ گۇاڭنىڭ سالاھىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك: ئۇ ھەم يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق خەتتات، شۇنداقلا كۆزى ئۆتكۈر، ئۆزگىچە ھۇزۇرلىنىش ئۇستىسى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ۋاڭ شىمېڭنى ۋاڭ شېن، جاۋ بوجۈدىن ئىبارەت ئىككى رەسسام بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويوشى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسىرىنى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان يېشىل تاغ- دەريالار توغرىسىدىكى رەسىملەر ئىچىدە «كەمدىن كەم ئۇچىرايدىغان نادىر ئەسەر» دەپ ماختىشىدا چوقۇم چوڭقۇر مەنا بار.
پۇ گۇاڭ تىلغا ئالغان ئىككى رەسسام يەنى ۋاڭ شېن بىلەن جاۋ بوجۈ دەل سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ ئىككىيلەن «قەدىمىيلىق» تەرىپدارى لى سىشۈننىڭ يېشىل تاغ- دەريالار رەسىمى ئۇسلۇبىدا ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇي زۇڭ خانمۇ ئەدىبلەرنىڭ «قەدىمىيلىك» قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، لى سىشۇنىڭ رەسىملىرىنى يىغىپ ساقلاپلا قالماي، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەقلىد قىلىپ سىزغان. بولۇپمۇ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا ساقلانغان مول سەنئەت بويۇملىرى ئوردا رەسساملىرىنى قەدىمكى ئۇستازلارنىڭ ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. مەسىلەن: ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان بىر پارچە «جاڭ شۈەنگە تەقلىد قىلغان شايى يۇيۇپ، كىيىم تىكىش رەسىمى»، خۈي زۇڭ خان ئوردىنىڭ رەسىم ئۇستىسىغا يارلىق چۈشۈرۈپ، ئوردىدا ساقلانغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئايال رەسسام جاڭ شۈەننىڭ ئەسلى ئەسىرىگە تەقلىد قىلىپ سىزدۈرغان رەسىمى ئىدى. بۇ كىشىلەرگە ۋاڭ شىمېڭنىڭ خۇي زۇڭ خاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ياراتقان «مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريا رەسىمى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئوخشاشلا خۇي زۇڭ خاننىڭ سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ياكى خۇي زۇڭ خاننىڭ ئىلگىرى ۋاڭ شىمېڭغا ئوردىدا ساقلانغان لى سىشۈن ۋە دۇڭ يۈەننىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ، تەقلىت قىلىپ سىزدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
11- ئەسىردە جۇڭگونىڭ تۇنجى كۆۋرۈكىنىڭ رەسىمى سىزىلغان.
«مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريا رەسىمى» نى سىزىشتا ئىپادىلەنگەن يۈكسەك تەسۋىرلەش ماھارىتى، بەزى نازۇك سىياسىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەندەك قىلاتتى. ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ رەسىمدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆللەرنىڭ رەڭگى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىلىرى تەسۋىرلەنگەن، مەسىلەن: تۇرالغۇ، باغ- ئورمان، بۇتخانا، مېھمانخانا، كۆۋرۈك، تۈگمەن، قولۋاق قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى رەسىمنىڭ ئالدىنقى يېرىم بۆلىكىدىكى ياغاچ كۆۋرۈك. بۇ كۆۋرۈكنىڭ تەسۋىرى ناھايىتى ئىنچىكە بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر راۋاقنىڭ بارلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، ئەگەر سىرتقى كۆرۈنۈشى بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا ئۇ سۇجۇ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋۇ جياڭجوڭ بولسا كېرەك. ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان كۆۋرۈك ۋە رەڭلىك راۋاق.
كۆلىمى غايەت زور بۇ ئۇزۇن كۆۋرۈك سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۆججەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. داڭلىق ئەدىب سۇ شۈنچىن، ۋاڭ ئەنشىلار شېئىرلىرىدا كۆپ مەدھىيىلىگەن، داڭلىق خەتتات مى فېينىڭ ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا قالدۇرغان «شۇسۇ مەكتۈپى» دېگەن ئەسىرىدە چۈيخۇڭ راۋىقىنى تىلغا ئالغان.
«مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريالار رەسىمى» دىكى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ھالقىغان كۆۋرۈك، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىكى ئاجايىپ نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن كېيىن جەنۇبىي جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ جەنۇبقا يۆتكىلىش ھادىسىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سەنئەت مەدەنىيىتى بارا- بارا ئەدىپلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن، ھەتتا ئوردا ئىچىدىمۇ «جەنۇبى جۇڭگوچە» ئېقىم مودا بولغان. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى مەنزىرىسى ئەينى چاغدا شېئىرىي مەنىگە ئەڭ باي، رەسىمگە ئەڭ ماس كېلىدىغان تېما بولۇپ قالغان. ۋاڭ شىمېڭ ھەقىقىي تەسۋىرلەش ماھارىتى بىلەن بۇ رەڭدار تۈسكە ئىگە، غايىۋى ماكانغا ئوخشايدىغان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىپ، خۇي زۇڭ خاننىڭ بۇ گۈزەل تاغ- دەريالارنى ياخشى ئىدارە قىلغانلىقىنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
كۆرۈش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «چوڭقۇر» ئۈنۈمگە ئىگە.
 مەيلى جەريانى قانداق بولسۇن، خۇي زۇڭ خاننىڭ ئوردا رەسسامىنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق تاغ ـ دەريا رەسىمى» دەك بۇنداق ئەسەرنى ئىجاد قىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېشىل تاغ- دەريالارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئەسەرنىڭ ماھارىتى تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە مۇرەككەپ. بىر تەرەپتىن بۇ رەسىمدە مەنزىرىلەر يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە نەزەر سالغان ئۇسۇلدا تەسۋىرلەنگەن ھەمدە تاغنىڭ قىياپىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەگرى- توقاي جىلغا يولىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق يىراق ۋە چوڭقۇرلىقى ئىپادىلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ بوشلۇق قاتلىمى ئېنىق بولۇپلا قالماي، يېراق- يېقىنلىق تەسۋىرى تېخىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
 
  يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈن رەسىمگە قېنىق رەڭ ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆك ۋە يېشىل رەڭلىك تاشلاردىن باشقا، يەنە گېل بىلەن تاغ ئېتىكى، ئاسماننى گەۋدىلەندۈرگەن ھەمدە سىزىقچىلار بىلەن تاغ تېشىنى تەسۋىرلىگەچكە، تاغ چوققىسىنىڭ ستېرېئولۇق تۇيغۇسى، تۇتۇق ئۈنۈمى ئادەتتىن تاشقىرى جانلىق بولغان. روشەنكى، ۋاڭ شىمېڭنىڭ سەنئەت نەتىجىلىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ھالقىپ يېشىل تاغ- دەريالار مەنزىرە رەسىمىگە ماھىر ئۇستازلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرغان.
گەرچە، ۋاڭ شىمېڭ مۇكەممەللىكنى بىرلەشتۈرۈپ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېھىرگەرلىككە ئوخشاش ئەمەلىي ماھارىتى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەڭدار ئوردا ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى نەپىس سەنئەت ۋە ئېستېتىكىسى بىلەن ماس كېلىدىغان رەسىمنى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بىردىنبىر رەسسام ئەمەس. ئوخشاشلا يېشىل تاغ- دەريالارنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ھەمدە ماھارىتى چېكىگە يەتكەن لى تاڭمۇ بار. تەيبېي گۇگۇڭ مۇزېيدا ساقلانغان «تۈمەنلىگەن قارىغاي مەنزىرىسى» گە لى تاڭشۈەن ۋە جيا چېننيەننىڭ 1124- يىلىدىكى ئىمزاسى قويۇلغان.
بۇ رەسىمدە، پۈتكۈل تاغ- دەريالار كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەنگەن بوشلۇق قۇرۇلمىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاغ قىيالىرىنىڭ يان تەرەپ كۆرۈنىشىدىن باشقا، مەنزىرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قىسقارتىلىپ، تەكشىلىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئادەمنى شۇ مۇھىتتا تۇرغاندەك خىيالىي تۇيغۇغا ئىگە قىلغان. رەسىمگە قويۇق يېشىل بوياقلار ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، بوياق ماتېرىياللىرى سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن جايلاردا ھەر بىر تاغ جىنسلىرىنىڭ ستېرېئولۇق تۇيغۇسى ۋە يىرىك، قاتتىق سۈپەت تۇيغۇسىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇلار پۈتۈنلەي «پالتا بىلەن چېپىلغان» دەك ئۇسۇل بىلەن قاتمۇ- قات گەۋدىلىنىپ، بىر پىچاق بىلەن ئويۇپ چىقىرىلغاندەك كۆرۈنەتتى؛ قويۇق قارىغاي يوپۇرمىقى، شىددەتلىك سۇ ئېقىمى بولسا ئىنچىكە قەلەم بىلەن قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، ھەقىقىي  تەسۋىرلەنگەن. لى تاڭ ئادەتتىكى رەسساملار يېتىشىپ بولالمايدىغان ماھارىتى بىلەن، كۆرگۈچىلەرنى كۆز يەتكۈسىز جىلغىلارغا كەلگەندەك، قاتار كەتكەن قارىغايلىقلارنى كۆرۈپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى.
 ۋاڭ شىمېڭ مەنزىرە رەسىمىنى چۈشەندۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش ئۇسۇلى شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن: رەسىمنىڭ ئارقىسىدىكى فۇ گۇاڭنىڭ بېغشىلىمىسىدا دىيىلگىنىدەك: «ھەر قېتىم مەنزىرە ئىچىگە كېرىپ چىقسا، يېڭىچە تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ». كىشىلەر «مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريالار  رەسىمى» نى خۇي زۇڭ خان ۋە ياكى ئەينى ۋاغدىكى ئوردىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو مەدەنىيىگە بولغان ھەۋىسى ياكى خۇي زۇڭ خاننىڭ قەلبىدىكى ئۆلمەس پادىشاھلىق قۇرۇش ھەققىدىكى ئارزۇسى، ياكى ئۇنى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى مەدھىيلەش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ سىزىلغان بىر پارچە نادىر ئەسەر دەپ قارىغان بولىشى مۇمكىن. ئۇ خۇددى «بيەنخې ۋادىسىنىڭ چوكانتال مەۋسۇمىدىكى مەنزىرىسى» گە ئوخشاش خۇي زۇڭ خان دەۋرىدىكى بىپايان زېمىنىنىڭ تىنچ گۈللىنىش مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن، شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى، ھەر قېتىملىق كۆرگەزمە قىلىش، يىغىۋېلىش پەيتىدە، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سەنئەت ئىدىيەسى ۋە جەۋھىرى قاچىلانغان «مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريا  رەسىمى» تاماشىبىنلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى نامايان قىلىپ، گويا كىشىلەرنى شۇ دەۋرگە قايتىپ بارغاندەك تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى