قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق ئىچىدىكى ئويۇنچۇق «نور»

2018-12-06 16:43:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ ئويۇنچۇقنىڭ ئىسمى دەل غوڭۇلداق. غۇڭۇلداق گەرچە كۆزگە بەكمۇ چېلىقىپ كېتىدىغان ئويۇنچۇق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ 1 مىڭ 700 يىللىق تارىخقا ئىگە. غۇڭۇلداق ئويۇنى ئادەتتە ئويۇنچۇق بامبۇك ئويۇنى، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت باغچىسى ئىچىدىكى بىر تۈپ پارلاق گۈل بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئەڭ تىپىك بولغان غوڭۇلداق تاق ۋە جۈپ چاقلارغا بۆلۈنىدۇ. جۈپ چاقلىق غوڭۇلداقنىڭ شەكلى بەل دۇمباققا ئوخشايدۇ، بامبۇك ياكى ياغاچتىن، ئىككى بېشى ئىككى تال ياپىلاق چەمبەردىن ياسىلىدۇ. غوڭۇلداقنىڭ ئىچىدىكى چاققا تۆتتىن كۆپرەك كاۋاك چىقىرىلىدۇ، تۆشۈك ئىچىدە قۇمۇش نەي بولۇپ، ئىككى چاق ئوتتۇرسى بىر تال ئوق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ؛ تاق چاقلىق غوڭۇلداقنىڭ شەكلى نورغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بىر تەرىپىدىلا چاق بار. ئىچى كاۋاك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىدە نەي بولغاچقا غۇڭۇلداق، دەپ ئىسىم قويۇلغان.
دەلىللىنىشىچە، غوڭۇلداق ئەڭ دەسلەپتە خەلق ئىچىدىكى ئويۇنچۇق «نور» دىن ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، نورنىڭ پىقىراش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، كىشىلەر قامچا بىلەن ياغاچتىن ياكى ساپالدىن ياسالغان نورنى ياساپ ئۇرۇپ ئوينىغان؛ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، بامبۇكتىن نور ياساپ ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىنى ئوچۇق قويۇپ، ھاۋا زەربىسىدىن پايدىلىنىپ ئىسقىرىت ئاۋازى چىقىدىغان قىلىپ ئۆزگەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇنچۇق غوڭۇلداق، دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
غوڭۇلداق ئەمەلىيەتتە ھويلا- ئاراملاردا ئوينىلىدىغان ئويۇن بولۇپ، كېيىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرلۈپ، ماھارەت خاراكتېرى بار بولغان، ئەنئەنىۋى سېرىك ئويۇنىغا ئايلانغان. غوڭۇلداق قوش ئوق ۋە تاق ئوق، دەپ ئايرىلىدۇ. ئوق، چاق ۋە چاقنىڭ يۈزى ياغاچتىن، چاقنىڭ چەمبىرىكى بامبۇكتىن ياسىلىدۇ، بامبۇك قېپىنىڭ ئوتتۇرسى كاۋاك بولۇپ، تۆشۈكى بار، ئايلانغاندا ئاۋاز چىقىرىدۇ. غوڭۇلداقنىڭ ئوتتۇرا ئوق تاياقچىسى ئىنچىكە بولىدىغان بولۇپ، ئارقان بىلەن يۆگەپ تارتقاندا ئايلىنىدۇ. بۇنى ئوينايدىغان ئادەم ئىككى قولىدا ئىككى چى ئۇزۇنلۇقتىكى كىچىك بامبۇك تاياق تۇتىدىغان بولۇپ، چوققىسىغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 چى كېلىدىغان يىپ ئارغامچا چىگىلىدۇ، ئاندىن يىپنى ئوققا بىر ياكى ئىككى قېتىم ئوراپ بىر قولدا كۆتۈرۈپ بىر قولدا سۇنۇپ، توختىماي تەۋرىتىدۇ، سۈرەتنى تېزلىتىپ ئايلاندۇرغان ۋاقىتتا بۇنىڭدىن ئاۋاز چىقىدۇ. غوڭۇلداقنى تەۋرەتكەندە ئادەمنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، يىپتىمۇ ھەرخىل ئۆزگىرىش بولىدۇ. غوڭۇلداقنى ئوينىغاندا يۇقىرىغا پىرقىرىتىش، توغرىسىغا تاشلاش، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش قاتارلىق ماھارەتلەر كۆرسىتىلىدۇ. بۇلارنى «توخۇنىڭ قونداققا چىقىشى»، «گۈزەل قىزنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى»، «جاھاننى بىر ئېلىش» قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
غوڭۇلداق ئويۇنى ئېلىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدە تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاستىسى بولۇپلا قالماي ئۆزگىچە گۈزەل، كۆرۈش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى سەنئەت ئويۇنى. غوڭۇلداق ئويۇنىنىڭ ھەركىتى قارىماققا ئاددىي قول ھەركىتىدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. غوڭۇلداق ئويۇنىدا پۈتۈن بەدەن ھەركەتلىنىدىغان بولۇپ، قول ۋە پۇتنىڭ ئەپچىل ماسلىشىشى ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ئادەتتە ئوينىلىدىغان غوڭۇلداقنىڭ ئېغىرلىقى 200- 300 گىرام كېلىدىغان بولۇپ، غوڭۇلداقنى ئوينىغۇچى قولى بىلەن ئېلىش، تارتىش، تىترىتىش، ئېتىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلىسە، پۇت ھەركىتىدە مېڭىش، سەكرەش، چۆرگىلەش، ئولتۇرۇش، تىپىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلەيدۇ. كۆزى ئارقىلىق مۆلچەرلەپ ھەم قوغلاپ، بېلىنى ئىگىپ ئەگىشىدۇ، بېشى بولسا چايقىلىش ۋە ئايلىنىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئەگەر، ئۇنى ئەڭ ئەپلىك ۋاقىتتا كونترول قىلمىسا، بوشلۇقتا ھەرخىل ھەركەتلەرنى ئىشلىگەندە مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنى ئوينىغاندا چوقۇم ئىنكاسى تېز، ھەركىتى چەبدەس، ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. ئەمما، سەكرىگەندە، بەلنىڭ ھەركىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئىككى قولىمۇ ئوخشاش ھەركەتلىنىدىغان بولۇپ، بەزىدە بوينىمۇ تەڭ ھەركەتلىنىدۇ. ئۈزلۈكسىز سەكرىگەندە يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
غوڭۇلداق ئويۇنىنى خالىغانچە كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بەدەن ئىقتىدارىغا قاراپ ھەركەت مىقدارىنى بېكىتسە بولىدۇ. بۇ مەيدان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، ئىگىلەيدىغان ئورنى كىچىك، ئەسۋابلىرى ئاددىي، مەبلەغ ئاز كېتىدۇ. ئەر- ئايال ياكى قېرى- ياش بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ. غوڭۇلداقنى تىترىتىش ئۇسۇللىرى كۆپ خىل بولۇپ، يالغۇز كىشىلىك پىقىرتىش، قوش كىشىلىك پىقىرتىش ۋە كۆپلىگەن ئادەم بىرلىكتە پىقىرتىش قاتارلىقلار بار؛ ئۇدۇل، تەتۈر، شەكىل چىقىرىپ پىقىرتىش قاتارلىق يۈز نەچچە خىل ئويناش ئۇسۇلى بار. غوڭۇلداق پىقىرتىش تەنھەرىكەتكە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، پەقەت خوشال ئويناپ، ھەركەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئىگىلىسىلا، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماي، بۇنىڭدىكى خوشاللىقتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلسىپىت مېنىش، قولۋاق ھەيدەش، ئىگىزگە يامىشىش، دالادا مېڭىش، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش. غوڭۇلداق ئويۇنى 2006- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 2007- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شۈەنۋۇ رايونىدىكى جاڭ گولياڭ ۋە لى ليەنيۈەن بۇ مەدەنىيەت مىراس تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ 226 نەپەر ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى