قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ گۈزەل چېگرا شەھەردەپ تەرىپلىنىدىغان دەندۇڭ شەھىرى

2018-12-06 16:49:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دەندۇڭ شەھىرى، چاۋشيەننىڭ سىنۇجۇ شەھىرى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. «جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ گۈزەل چېگرا شەھەر» دەپ تەرىپلىنىدىغان دەندۇڭ شەھىرى، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى شىمالىي ئۇچىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئاسىيادىكى بىردىنبىر چىگرا پورتى، ئايردوروم، يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول، دەريا ۋە دېڭىز پورتى، يۇقىرى سۈرەتلىك يول بار شەھەر. دەندۇڭ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا تۇرنا قۇشلار پەرۋاز قىلدىغان بولۇپ، كىشى قەلبى ئىختىيارسىزلا يايراپ كېتىدۇ.
دەندۇڭغا كەلسىڭىز چوقۇم يالۇجياڭ دەرياسىغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ. ئۇزۇنلۇقى 950 كلومېتىر كېلىدىغان يالۇجياڭ دەرياسى جۇڭگو بىلەن چاۋشەننىڭ چىگرا دەرياسى بولۇپ، داڭلىق يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ دۈەنچاۋ كۆۋرۈكى ساياھەتچىلەرنىڭ دەندۇڭ شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن تاللايدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. يالۇجياڭ دەرياسى دۈەنچاۋ كۆۋرۈكىنىڭ ئەسلىدە 12 تۆشۈكى بولۇپ، ئېچىلىپ يېپىلىدىغان تۆمۈر يول كۆۋرۈكى. بۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 944.2 مېتىر كېلىدۇ. بۇ كۆۋرۈك بولسا يالۇجياڭ دەرياسىدىكى بىرىنجى كۆۋرۈك. 2006- يىلى، بۇ يەر گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن مەملىكەت بويىچە6- تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىندى، شۇنداقلا دەندۇڭ شەھىرى رايونىدىكى بىردىن بىر دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن.
دەندۇڭ شەھىرىگە كەلسىڭىز چوقۇم خۇشەن تېغىدىكى سەددىچىن سېپىلىغا بېرىڭ. خۇشەن سەددىچىن سېپىلى جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى بولۇپ، شەرقىي شىمال تەرەپتىن باشلىنىپ، جەنۇبى چاۋشىيەن چېگرىسىدىكى يالۇجىياڭ دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ھازىر سەددىچىن سېپىلى 92- يىلدىكى ئەسلىدىكى ئورنىدا ياسالغان بولۇپ، راۋاق، سېپىل، قەدىمكى ئاسما يول قاتارلىق بىر نەچچە مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. مەنزىرە رايونى ئىچىدە يەنە سەددىچىن سېپىلى تارىخ مۇزېيى بار، ئېكىسكۇرسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ. مەنزىرە رايونى تاغ باغرىدىكى دەرۋازىدىن خۇشەن تېغىغا نەزەر تاشلىغاندا، تاغ ئارىسىدىكى سېپىلنى ئېنىق كۆرگىلى، خۇشەننىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇيقىدىكى شەپقەتكار بۇتساتىۋاغا ئوخشايدۇ، شۇنداقلا مەنزىرە رايونىدىكى تۇنجى مەنزىرە نۇقتىسى.
 مەنزىرە نۇقتىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن مەنزىرە مەيدانىغا كېلىسىز، بۇ يەر دەل سېپىلغا يامىشىدىغان باشلىنىش نۇقتىسى. راۋاقنى بويلاپ سېپىلغا كىرىپ،  يۇقىرىغا قاراپ ماڭسا، 12 راۋاقنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ھەر بىرسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. سېپىلنىڭ ئەڭ بېشىدىكى تۇرا دەل خۇشەن تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولۇپ، بۇ يەرگە چىقىپ نەزەر سالسا، قارشى قىرغاقتىكى چاۋشەن زېمىنىنى ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنە تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلىسىڭىز، چاۋشەننىڭ سەككىز چوڭ مەنزىرىسىنىڭ بىرى بولغان چاۋشەن توڭجۈن راۋىقىنى كۆرەلەيسىز.
 دەندۇڭغا كەلسىڭىز چوقۇم بۇ يەرنىڭ يەرلىك پىۋىسىنى تېتىپ بېقىڭ. يالۇجياڭ پىۋىسى دەندۇڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە خېلى نامى بار ئىكەن. ئەگەر سىز دەندۇڭغا بېرىپ قالسىڭىز يالۇجياڭ پىۋىسىنى ئىچىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇ ئادەتتىكى پىۋىغا قارىغاندا سەل كۈچلۈكرەك بولۇپ، بەك كۆپ ئىچمەڭ، بولمىسا مەست بولۇپ قالىسىز. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىڭىزغا باغلىق.
 دەدۇڭغا كېلىپ چوقۇم شۇ يەرنىڭ كاۋىپىغا ئېغىز تېگىپ بېقىڭ. دەندۇڭنىڭ سېرىق قۇلۇلىسى ئىنتايىن داڭلىق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنى يىيىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭدىكى قۇمنى چوقۇم پاكىز چىقىرۋېتىش كېرەك ئىكەن. بۇنى ئېتىش ئۇسۇلىغا كەلسەك، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كاۋاپ قىلىپ يىسىمۇ، قورۇپ يىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر دەندۇڭغا بېرىپ قالسىڭىز بىر خىلۋەت تار كوچىغا بېرىپ، يول بويىدىكى دۇكاننىڭ ئالدىغا بىر كاۋاپدان قويۇپ، ئۆز قولىڭىز بىلەن سېرىق قۇلۇلە كاۋىپى پۇشۇرۇپ يىسىڭىز بولىدۇ. كاپالەت بېرەلەيمىزكى، كاۋاپداندىن كېلىۋاتقان ھىدنى پۇراپ ئىشتىھايىڭىز چوقۇم ئېچىلىپ كېتىدۇ.  دەندۇڭنىڭ مال باھاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، سىز بۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت ئالدامچى دۇكان خوجايىنىغا ئۇچىراپ قالمىسىڭىزلا، خاتىرجەم ئولتۇرۇپ يىسىڭىز بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى