قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىدە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقان ئاق غاز باقمىچىلىقى

2018-12-06 16:52:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل شىنجاڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرى ھالۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنخۇيدىكى ئاق غاز باقمىچىلىق كارخانىسىنى ھالۇ كەنتىگە ماكانلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى غاز بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرى ھالۇ كەنتىدىكى «نۇرلۇق يول» چارۋا- مال ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىسى ئابلىكىم ئەنۋەر ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ باشقا باققۇچىلار بىلەن بىللە ئاق غازنى كۆلچەككە ھەيدەپ كىرىپ، غازلارنى يۇيۇپ تازىلىدى، ئاق غازلار ئۈچۈن ئەتىگەنلىك ئوزۇق تەييارلىدى. 6 يىل بۇرۇن، ئابلىكىم ئەنۋەر كەنتتە توخۇ فېرمىسى قۇرغان بولۇپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، باشقۇرۇشقا سەل قارىغانلىقتىن زىيان تارتىپ، باقمىچىلىقتىن قول ئۈزگەنىدى. بۇ يىل 6- ئايدا، شىنجاڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەنخۇيدىن ئاق غاز باقمىچىلىق كارخانىسىنى كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن، ئابلىكىم ئەنۋەر يەنە كونا كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2012- يىلى تېخنىكا بىلمىگەچكە زىيان تارتقانىدىم. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەنخۈيدىكى ئاق غاز باقمىچىلىق كارخانىسى كەنتىمىزگە كىردى. ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھازىر ئىشەنچكە تولدۇم.
ھالۇ كەنتىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6 پۇڭغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، كەنتتىكى 701 دېھقان ئائىلىسىدىن ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىدىن 403 ئائىلە بار ئىدى. ئەنخۇيدىن كەلگەن غاز باقمىچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى جياڭ خۇەيمىڭ كەنتكە كىلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسى بىلەن كەنتتە ئاق غاز باقمىچىلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. جياڭ خۇەيمىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەخسۇسلاشقان غاز باقمىچىلىق تېخنىكىمىز بار. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يەرنىڭ غاز بېقىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، خىزمەت ئەترىتىمۇ بىزنى يېقىندىن قوللاپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى. باقمىچىلىق ئىشچىلىرى تېخنىكا بىلمىگەندە، ئۇلار تەربىيەلەشكە ياردەم بەردى، خىزمەتلەرنى ناھايىتى ياخشى ئىشلىدى.
6ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ھالۇ كەنتىدىكى ئاق غاز باقمىچىلىقى-- جياڭ خۇەيمىڭنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى. بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ھۆكۈمەت ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن يىلىغا بېقىلىدىغان غاز سانىنى 2 مىليونغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرگە ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىمىز. نامرات ئائىلىلەرگە غاز بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، شىركەت پايدا ئېلىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ئىلمىي باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاخىرىدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى