قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش نوقتىسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ئېتىراپنامىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2018-12-06 16:54:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 2018- يىللىق جېجياڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىگە قاتناشقان شايار «توغراقلىق» ھەسەل مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى يې تىڭجۈن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا: جۇغراپىيەلىك بەلگە ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەسەل مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئون نەچچە ھەسسە ئاشتى- دېدى.
2016- يىلىدىكى «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» گە ئاساسەن، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە ئېلان قىلىش ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شايار ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر چىگە چېيى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى تىزىملاش ئېتىراپنامىسىغا ئېرىشتى. «شايار لوپنۇر چىگە چېيى» ئىتراپنامە گۇۋاھنامىسىنى قولىغا ئالغان شايار «توغراقلىق» ھەسەل مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ موشۇ سەۋەبلىك بازار ئېچىشنىڭ ئۆتكۈر قورالغا ئىگە بولدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شايار «توغراقلىق» ھەسەل مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2011- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى 107 يەتكەن. ئۇلار ئاساسلىقى، شايارنىڭ لوپنۇر چىگە ھەسىلى، لوپنۇر چىگە چېيى، ئاق يانتاق ھەسىلى، جىگدە ھەسىلى قاتارلىق ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتى ۋەكىللىكىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى لوپنۇر چىگە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى پائال قانات يايدۇردى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، شايار چىگە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا باشلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى