قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل توقسۇ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى سېتىۋالغانلارغا 20 مىليون يۈەندىن كۆپرەك تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتتى

2018-12-06 16:55:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

توقسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالغانلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىش ئىشخانىسى يېقىندا ئۆز جايىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشقا ئىلتىماس سۇنغان دېھقانلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتتى. بۇ قېتىمقى ياردەم بېرىش ئوبيېكىتلىرى-- يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلار بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلار-- يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 بۇ، توقسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 2- قېتىم يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى سېتىۋالغانلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىشى بولۇپ، بىرىنچى قېتىمدا 14 مىليون يۈەندىن كۆپرەك تولۇقلىما ياردىمى پۇلى تارقىتىلغان ئىدى. بۇ قېتىم يەنە 496 يۈرۈش يېزا ئىگىلىك ماشىنا- ئۈسكۈنىلىرىگە جەمئىي 5 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىلدى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالغانلارغا تولۇقلىما بېرىش سالمىقى ئاشتى. توقسۇ ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرى دېھقانلارغا ئىشلىتىشچان، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنى پائال تەۋسىيە قىلدى، ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا تارقاتتى. 11- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە، توقسۇ ناھىيەسىدىكى 278 ئائىلىلىك دېھقانغا تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما ياردەم پۇلى 20 مىليون 262 مىڭ 850 يۈەنگە يەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى