قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىرىيە دېھقانلىرىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئېلىۋاتقان <ھاۋالىلىك> ئېشەك بېقىش ئورۇنلىرى

2018-12-06 16:56:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزا ياقاساراي كەنتىدىكى دېھقان مەتقۇربان ئۆزىنىڭ 4 تۇياق نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكىنى توغراغاز يېزىسىدىكى ھاۋالىلىك ئېشەك بېقىش ئورنىنىڭ بېقىشىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئېشەك باقمىچىلىقىنىڭ ئەلمى- تەلمىنى بىلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
مەتقۇربان ياقاساراي كەنتىدىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، موشۇ بىر قانچە يىلدا، ئېشەك باقمىچىلىقىنىڭ بازار ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىغا كۆز يەتكۈزۈپ، ئېشەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە بۇ ئارقىلىق باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى كۆڭلىگە پۇكتى. ئەمما، ئىشەك باقمىچىلىقىغا دەسلەپ كىرىشكەندە، ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئېغىل- قوتانلىرى ئۆلچەملىك سېلىنمىغاچقا، ئېغىل تار كەلگەننى ئاز دەپ، ھاۋا ئوتۇشۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن، مۇھىمى ئۆزى ئىشەك باقمىچىلىقىنىڭ ئەلمى- تەلىمنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئېشەكلىرى ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالدى. 
كېرىيە ناھىيەسى مەتقۇربانغا ئوخشاش باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتىغا تايىنىپ، باقمىچىلىق تېخنىكىلىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشەكلەرنى ئىلمىي بېقىپ- باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى. كۆپ قېتىم كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى ناھىيە بويىچە «كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقان ئائىلىسى» بىرلەشكەن مەركەزلىك باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. دېھقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كوپىراتىپقا كىرىش ئالدىنقى شەرتىدە، كەنتنى بىرلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە تارقاق بېقىلىۋاتقان كالا، قوي، ئېشەكلەرنى دېھقانلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېقىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىش؛ دېھقانلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ نامىدا كارخانا تەرەپ بىلەن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش؛ ئاندىن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە تارقاق بېقىلىۋاتقان كالا، قوي، ئېشەكلەرنى بىر تۇتاش كەسپىي باقمىچىلىق كارخانىسىنىڭ بېقىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، باقمىچىلىقنىڭ خەۋپ- خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۇپلا قالماي، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئازاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشىدە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى شىمالىي شىنجاڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھېس قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمنى كۆپەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش نىشانىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ باقمىچىلىق كەسپى كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىق چارۋا تۈرلىرىنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، ئىككى يىلغا يېقىن بېقىش تەجرىبىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، تېخنىكىسى نىسبەتەن پىشىپ يېتىلگەن. ناھىيە يەنە چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، باقمىچىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن، باقمىچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى پەيدىنپەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا باشلىغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى