قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇمۇشلۇق كۆلچەكلەردە قۇرۇلغان غاز باقمىچىلىق بازىسى

2018-12-06 16:58:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەبىبۇللا راخمان پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ ئاقتوقاي كەنتىدىكى ئاددىي دېھقان. ئاقتۇقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاق غاز باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەڭ كەتكەن قومۇشلۇق كۆلچەكلەردە 2 مىڭ دانە غاز باققانىدى. كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى غاز ۋاباسىدىن ئامان قالغان غازلارنى، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. ھەبىبۇللا راخمان دەل ئاقتۇقاي كەنتىدىكى ھەقسىز غاز تارقىتىلغان دېھقانلارنىڭ بىرىسى.
ئىلگىرى ھەبىبۇللا راخمان ئاق غاز بېقىپ باقمىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئالدى بىلەن كەنتتىكى غاز باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ خېلى يوغىنىغان چوڭ ئاق غازلىرىنى بېقىشىپ بەردى. دەرۋەقە، بۇ غازلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپلا قالماي، تەننەرخىمۇ تۆۋەنلىدى. يەنە تېخى غاز سېتىپ كىرىمى ئوبدانلا ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كېلەر يىلى غاز باقمىچىلىقىنى كېڭەيتىشكە بولغان ئىشەنچى ئاشتى.
ئاقتۇقاي كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، ئىلگىرى شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، كەڭ كۆلەمدە ئاق غاز بېقىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاقتۇقاي كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، كەنتتىكى كەڭ كەتكەن سۇلۇق يەرلەردە شەكىللەنگەن قۇمۇشلۇق كۆلچەكلەرنىڭ غاز باقمىچىلىقىغا تازا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن تاشلىنىپ بوش تۇرغان قومۇشلۇقنى پىلانلاپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى كۆلچەك ياساشقا يېتەكلەپ، 30 مودىن كۆپرەك يەردە يېشىل ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانى بەرپا قىلدى.
خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ چىقىرىپ كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە 2 مىڭ دانە غاز چۆجىسى سېتىۋالماقچى بولدى. بۇ چاغدا كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى، باقمچىلىق چوڭ ئائىلىسى ھەسەن ئەبەي بىلەن ئەركىن ھوشۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن مەبلەغ چىقىرىپ، غاز چۆجىسى سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، «بازا، كەنت ئاھالە كومىتېتى، نامرات ئائىلە» قوشۇلغان تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە غاز باقمىچىلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلدى.
بۇ يىل 8- ئاينىڭ بېشىدا، غاز چۆجىلىرى كەنتكە يۆتكەپ كېلىندى. ھەسەن ئەبەي بىلەن ئەركىن ھوشۇردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باقمىچىلىق تەجرىبىسى يوق دىيەرلىك ئىدى. خىزمەت ئەترىتى غاز چۆجىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبېتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېزىلىق چارۋامال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ تېخنىكلىرىنى غاز چۆجىسىگە ۋاكسىنا ئەملەشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنى غاز بېقىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە نامرات ئائىلىلەرمۇ پائال كۈچ چىقىرىپ، بىرلىكتە غاز باقتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، غاز چۆجىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %80 كە يەتتى ھەمدە دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىش شارائىتى ھازىرلاندى.
خىزمەت ئەترىتى بۇ بىر تۈركۈم غازلارنى ئوڭۇشلۇق سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن، كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئاق غاز ھەققىدە ئېلان تەشۋىقاتى ئىشلەپ، سېتىش يوللىرىنى ئىزدىدى. يېقىندا، بۇ بىر تۈركۈم غازلار تېزلا سېتىپ چىقىرىلدى. يېقىنقى بىر مەزگىللىك بازار تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ھەربىر غازنىڭ سېتىلىش باھاسى 60 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە بولغان، موشۇ بىر تۈردىنلا ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمى ئاز دېگەندىمۇ مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشقان. كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت ئەترىتى باقمىچى ئائىلىلەرنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى غاز باققۇچىلار قوشۇنىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، غاز باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، غاز باقمىچىلىق كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاقتوقاي كەنتىنى غاز باقمىچىلىق كەنتىگە ئايلاندۇرۇش؛ يەنە كۆلچەكلەرگە بېلىجان سېلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئاقتۇقاي كەنتىدىكىلەرنى ئالاھىدە باقمىچىلىققا تايىنىپ ياخشى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى