قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئورمان باقمىچىلىقى >كىچىك خەزىنە< گە ئايلانماقتا

2018-12-06 16:59:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىشىلەرنىڭ يېشىل، تەبىئىي، زىيانسىز يېمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ بېقىۋاتقان يەرلىك توخۇلىرىمۇ بارغانسېرى ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. تارباغاتاي ۋىلايتى دۆربىلجىن ناھىيە قۇيغانسۇ چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ خۇيگەن كەنتىدىكى لى گې بازار ئېھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلەپ، يەرلىك توخۇ باقمىچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۇنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشنىڭ يېڭى يولىغا ئايلاندۇردى.
 سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، بېقىش ئۈچۈن نەسلى ئەلا يەرلىك توخۇ تېپىش ۋە باقمىچىلىق مەيدانى تاللاش مۇھىم بولۇپ قالدى. «خاۋيۈن» باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى فاڭ رۈيچىننىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدە، لى گې ئاخىرى ئۆزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. فاڭ رۈيچىن ئۆزىنىڭ كونا ھويلىسى ۋە 200 مودىن ئارتۇق ئورمانلىقىنى ھەق ئالمايلا ليۇ گېنىڭ توخۇخانا قىلىشىغا بەردى ھەمدە خوتەندىن 13 مىڭدىن كۆپرەك نىيە قارا توخۇسىنىڭ چۆجىسىنى كىرگۈزۈپ، لى گېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش «بازىسى» قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. لى گې يەنە يېنىدىن 800 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىرىپ توخۇخانىسىنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ توخۇ باقمىچىلىق فېرمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئىزىغا چۈشتى، سېتىپ چىقىرىلغان ئالدىنقى بىر قانچە تۈركۈم توخۇلار لى گېغا ئوبدانلا پايدا ئېلىپ كەلدى.
بۇ يىل دۆربىلجىن ناھىيەسى «خېمۇ» چارۋا بېقىش، كۆپەيتىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلىك توخۇدىن 3 مىڭنى سېتىپ چىقاردى. ھەر بىر توخۇدىن 40 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە پايدا قالدى دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، 10 مىڭدىن كۆپرەك يەرلىك توخۇنىڭ پايدىسى 400 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بولدى.
فاڭ رۈيچىننىڭ ياردىمىدە، لى گې دۆربىلجىن ناھىيە «خېمۇ» چارۋا بېقىش، كۆپەيتىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، نىيە قارا توخۇسىنى ئورمان ئاستىغا دانلاشقا قويۇپ بېرىپ، خالىغان يىرىگە توخۇم تۇغدۇرۇش يولىنى تۇتۇشتەك باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى قوللاندى. بۇنىڭدا ھەم تەننەرخنى تېجىگىلى ھەم تۇخۇم سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلاتتى. نىيە قارا توخۇلىرى موشۇ تەرىقىدە بەش- ئالتە ئاي ئەركىن يايلاپ، دانلاپ بېقىلىغاندىن كېيىن، ھەر بىر توخۇنىڭ ئېغىرلىقى سېتىپ چىقىرىش ئۆلچىمى بولغان 3 يېرىم كىلوگىرام ئەتراپىغا يەتكەندە، ھەر بىر توخۇ 100 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ئوخشاشمىغان باھادا سېتىلدى. گەرچە باھاسى ئادەتتىكى يەرلىك توخۇلارنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولسىمۇ، بىراق «يېشىل، تەبىئىي» ئۇسۇلدا بېقىلغان ئېكولوگىيەلىك توخۇلار ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق جايلاردا ئىستېمالچىلارنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
 نۆۋەتتە، لى گېنىڭ ئورمانلىقتا باققان يەرلىك توخۇلىرىنىڭ داڭقى چىققاچقا، جايلاردىكى سودىگەرلەرنىڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. لېكىن، يەرلىك توخۇنىڭ توخۇم بېرىشى نىسبەتەن ئاز بولغانلىقتىن، نۆۋەتتە پەقەتلا لى گېنىڭ ئۆز ئائىلىسى ۋە دوست- بورادەر، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭلا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. لى گې كۆڭلىدە بۇ جەھەتتە يەنىمۇ كۈچەپ، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى نىسبەتەن يۇقىرى يەرلىك تۇخۇ تۇخۇملىرىنى تېزراق بازارغا سېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. يېقىندا، دۆربىلجىن ناھىيە «خېمۇ» چارۋا بېقىش كۆپەيتىش كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى گې بازارلاردا يەرلىك تۇخۇ تۇخۇملىرىنىڭ قىس بولىۋاتقانلىقى، بازاردا بار تۇخۇملارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىرتتىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە دەرھال بىر تۈركۈم ئۈسكۈنىلەرنى ھازىرلاپ، بىر تۈركۈم تۇخۇم توخۇلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئۆز جايىنىڭ تۇخۇم بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، لى گې دائىرىسى تولىمۇ چوڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا كېيىنچە بىر تۈركۈم مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى تىكىپ، كەلگۈسىدە توخۇ، غاز ۋە ئۆردەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى باغدا بېقىپ سەمرىتىشنى؛ گۆش سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئېكولوگىيە ئايلانمىسى شەكىللەندۈرۈپ، باقمىچىلىق كەسپىنى موشۇ «كەسىپ زەنجىرى» نىڭ بىر ھالقىسىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشانلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى