قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆز مەھەللىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقان ئۇچتۇرپانلىق دېھقانلار

2018-12-06 17:00:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تىن ئىبارەت خىزمەت تەپەككۈرى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ ھەمراھ زاۋۇت ۋە نامراتلارنى يۆلەش بازىسى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشى ۋە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ھازىر، ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە قۇرۇلغان 12 زاۋۇتتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 15 ئى قۇرۇلۇپ، 200 دىن كۆپرەك نامرات ئەمگەك كۈچى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى.
 ئىگىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يولغا قويۇشقا ماس كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنى قوزغىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ بازىسىدىن 27 نى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بۇ كارخانىلاردا قارا مور ئۆستۈرۈش، توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش، كالا، قوي باقمىچىلىقى، جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرى تېرىش، ياڭاق پىششىقلاش، نان يېقىش، پىچىنە- پىرەنىك ياساش، كەپتەر سويۇش قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەرنى يولغا قويغان. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى «كەنتكە تايىنىپ زاۋۇت قۇرۇش، زاۋۇتلارنى ياخشى باشقۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تەپەككۈرى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، يۈرۈشلەشكەن مۇكاپاتلاش- يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيە پايپاقچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتى، «سەنتەي» چارۋىچىلىقى قاتارلىق كارخانىلاردا نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 15 نى قۇرغان ھەمدە ئۆيلىرىدە ئۇياققا قارىسا ياشانغان ئاتا- ئانىسى، بۇ ياققا قارىسا كىچىك بالىلىرى بولۇش سەۋەبلىك سىرتلارغا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئامالسىز نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز مەھەللىسىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئېغىر نامرات يېزا- بازار، كەنتلەردە، باشلامچى كارخانىلارنىڭ زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى تۈرتكىسىدە، بۇ يىل قۇرۇلغان زاكازلىق، بازارلىق «ھەمراھ زاۋۇت ياكى نامراتلارنى يۆلەش» زاۋۇتلىرى 12 گە يەتكەن. شۇنداقلا، نامرات دېھقانلارنى پائال تۈردە «ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش»، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت ھاۋالىلىك بېقىپ- باشقۇرۇش بىلەن نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز چارۋىسىنى ئۆزى بېقىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا؛ نامرات ئائىلىلەرنى باقمىچىلىقتىكى باشلامچى كارخانىلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ۋاكالىتەن بېقىپ باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا يىتەكلىگەن. ھەمكارلاشقان باقمىچىلىقىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قوي، كالا سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەبلىغىغە سېتىۋېلىنىپ، نامرات دېھقانلارغا تەقسىملەنگەن قوي، كالىلارنىڭ %28 نى ھاۋالىلىك بېقىپ، ئوتتۇرىچە تەقسىملىنىدىغان پايدا كىرىمىنى %8 دىن %12 كىچە يەتكۈزگەن. «جىنشىنيۈەن»، «غەربىي يۇرت پاقلانلىرى» قاتارلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، ئۈرۈمچى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈجۇ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئەمەلىي دۇكان ئېچىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ساتقان قوي- كالا گۆشىنى 1 مىڭ 987 كىلوگىرامغا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە سېتىلغان قوي- كالا گۆشىنى 860 توننىغا يەتكۈزگەن.
 نۆۋەتتە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش بازىسى ۋە ھەمراھ زاۋۇتلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەندىن سىرت، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمراھ زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش بازىلىرىغا تولۇقلىما بېرىش؛ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان نامرات ئەمگەك كۈچلىرىگە تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، قاتناش ھەققى ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى بېرىش ئارقىلىق، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى