قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل قىشتا ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ سۇس مەزگىلىدە جانلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى

2018-12-06 18:16:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ بۇ يىل قىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئالاھىدە ماركا يارىتىپ، قار- مۇز ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى، تەنتەربىيە بىلەن ساياھەت، مىللىي ئۆرپ- ئادەت بىلەن ساياھەت ئۆزئارا قۇشۇلغان تۈرلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ سۇس مەزگىلىدە جانلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
 
▲ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تۆگە بەيگىسى دۆلەتنىڭ A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى خوشۇت ئالتۇن قۇم ساھىل ئارامگاھىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئادەتتە قۇملۇقتا ئېرغاڭلاپ ئاستا ماڭىدىغان تۆگىلەر مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، تۇلپارغا ئوخشاش چاپتى. كەسكىن مۇسابىقە نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنى جەلپ قىلدى. ساياھەتچى جيا شۆگاڭ مۇنداق دېدى: تۆگە بەيگىسى، ئات بەيگىسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، قايناق ھېسسىياتقا چۆمدۈرىدىغان مۇسابىقە بولۇپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ھېس قىلدىم.
 
▲ جەنۇبىي شىنجاڭدا بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يولغا قۇيۇلغان مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، مىللىيچە ناخشا- ئۇسسۇل، كەسكىن ئات بەيگىسى، ئەنئەنىۋى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى، تارىخى ئۇزۇن قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە ساياھەت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. شىمالىي شىنجاڭدا قار- مۇز ـــ قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. قار- مۇز چۆچەكلىرى دۇنياسى قۇمقاناستا ئىجاد قىلىنغان قار ئېتىش، قاردا سەكرەش پائالىيەتلىرى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى قار- مۇز ئويۇنلىرىدىن بەھرىمان قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا تۇنجى قېتىم قار تېيىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. قار تېيىلىش مەيدانىدا دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى مىڭ مېتىرغا يېتىدىغان، خەلقئارالىق ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە بۇلىدىغان قار يولى شۇ جاينىڭ قىشلىق قار- مۇز ساياھىتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، كەسپىي چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش كەسپىي خادىمى پاترىك مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ قار تېيىلىش يولى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، بۇ يەردە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە بۇلىدىكەن. مەن كېلەر يىلى يەنە بۇ يەرگە كېلىپ قار تېيىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، بۇ جۇڭگو ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى قار يولىنىڭ بىرى ئىكەن.
 
▲ جايلار قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىشتىن باشقا يەنە ئارشاڭ ئارقىلىق كۈتۈنۈش، چېگرا ئېغىزىدىن مال سېتىۋېلىش، مۇز ئۈستىدە بېلىق تۇتۇش، قارلىق دالىدا يۈگۈرۈش قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. بورتالا شەھىرى قار- مۇز ساياھىتى بىلەن مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، قار- مۇزدىكى نادام پائالىيىتى، بورتالا سوۋغاتلىرىنى باھالاش، قىشلىق ساياھەت تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، قار- مۇزدىكى «مۇھەببەتكە تولغان ساياھەت»، گۈزەل يېزا- كەنت ساياھىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى ھەمدە بۇنى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى بىكىتتى. بورتالا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىڭ مۇنداق دېدى: سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق. بىز بورتالانىڭ قىش پەسلىدىكى بۇ مۇز تاغ، قارلىق تاغ، قار مەنزىرىسىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، بورتالا شەھىرىنىڭ ساياھەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتنىڭ سۇس پەسلىنى ئاۋات پەسىلگە ئايلاندۇرىمىز.
 ▲ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قار- مۇز ساياھەت بايلىقى مول، قىشلىق ساياھەتچىلىك تۆت پەسىلنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا يولغا قويۇپ، قىشلىق ساياھەت ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، قىشلىق بىر قاتار ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، بىر تۈركۈم قىشلىق ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىك سۇس پەسىلنى جانلاندۇرۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى