قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قار ماكانى-- گۈزەل قۇمقاناستا قار- مۇز زېرەكچاقلار كىچىك بازىرى ئىچىلدى

2018-12-06 18:19:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 -11 ئاينىڭ 29- كۈنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ـ شىنجاڭ ئالتاي قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس كەنتىدە قۇمقاناس «قار- مۇز زېرەكچاقلار كىچىك بازىرى» نىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
 
▲ بۇ جاي ساياھەت مەدەنىيەت ئىجادىيىتى IP «قار مەخلۇقى ئالې» ناملىق قىزىل يۈز، ئۇزۇن قۇلاق ئاق ئېيىقنى ئوبراز ئەلچىسى قىلىپ، داڭلىق ماركىدىكى ھىكايىلەرنى ئىجاد قىلىپ، يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ، ئالاقە تورى سۇپىسىغا تايىنىپ بىر تۇتاش كېڭەيتىپ، «قۇمقاناس زېرەكچاقلار قار- مۇز كىچىك بازىرى»نى بەرپا قىلىپ، قۇمقاناس كەنتىنىڭ قىش پەسلىنى چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل قار ماكانى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
 
▲ »قار مەخلۇقى ئالې» نى لايىھىلەش ئېلھامى ئالتاي تېغىدىكى ئېيىق ۋە ياۋا ئاق توشقاندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سېمىز بەدىنى ئالتاي تېغىدىكى قوڭۇر ئېيىققا، ئۇزۇن دىڭ تۇرىدىغان قۇلىقى ئالتاي تېغىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ياۋا ئاق توشقاننىڭ قۇلىقىغا، شۇنداقلا ئالتايدىكى قەدىمىي تېرە چاڭغىنىڭ شەكلىگە، قىپقىزىل يۈزى شۇ جايدىكى چارۋىچى بالىلارنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سەبىي يۈزىگە، پۈتۈن بەدىنىدىكى ئاپئاق تۈكلەر ئالتاينىڭ قىش پەسلىدىكى ئاپئاق قارغا، كۆك كۆزى خۇددى قاناس كۆلىنىڭ كۆپكۆك سۈيى ۋە ئالتاينىڭ قىش پەسلىدىكى كۆپكۆك ئاسمىنىغا ئوخشايدۇ.
 
▲ لايىھىلىگۈچىلەر يەنە قۇمقاناستا «قار مەخلۇقى ئالې» ئۈچۈن بىر كىچىك ئۆي ياسىدى، ئۆينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئەسلىدىكى ھالەتنى ئاساس قىلغان، ئۆينىڭ ئىچىگە ياغاچ، يېرىك شېغىل قاتارلىق تەبئىي ماتىرىياللار ئىشلىتىلگەن، قار مەخلۇقى ئالېنىڭ بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ ئىللىق بىر ئۆي ياسىغانلىقى نامايەن قىلىنغان. بۇ كىچىك ئۆيمۇ ساياھەتچىلەرنى ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا راھەت ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
 
▲ »قار مەخلۇقى ئالې» ۋە «قۇمقاناس قار- مۇز زېرەكچاقلار بازىرى»نى ئېچىش ۋە لايىھەلەشكە رىياسەتچىلىك قىلغان جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى بىرلەشمىسى (بېيجىڭ) ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار يەنە 100 ئېغىزلىق ئالاھىدە پۇقراۋى ياتاق ياكى مېھمانخانىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ چىققان. ئۆيلەرنىڭ ئىچىگە «قار مەخلۇقى ئالى» غا ئالاقىدار مەدەنىيەت ئىجادىيەت بۇيۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، زېرەكچاقلار ئۆيىگە كىرگەن ساياھەتچىلەر، ئالېغا ئەگىشىپ قار ئۈستىدە سەكرەش، تېرە چاڭغىدا تېيىلىش، تۇۋا مەدەنىيىتى، ئات قوشۇلغان چانا قاتارلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىدىكى قار ـ مۇز خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدىكەن، بۇ ئارقىلىق ساياھەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ قۇمقاناستىكى زېرەكچاقلار قار ـ مۇز بازىرى ۋە «قار مەخلۇقى ئالې» غا بولغان تەسىراتى ۋە قىزىقىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرالايدىكەن.
 
▲ ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەتچىلەر زېرەكچاقلار بازىرىدا سەيلە قىلغاندا، «قار مەخلۇقى ئالې» نى ھەممە يەردە ئۇچرىتالايدۇ. كىچىك بازاردىكى بېكەت، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىلىرىغا تۇتىشىدىغان چىغىر يوللار، دەريا بويىدىكى كىچىك كۆۋرۈك، پۇقراۋى ياتاقلارنىڭ ئىشىك ئالدى قاتارلىق جايلاردا ئوماق، كەپسىز، تارتىنچاق «قار مەخلۇقى ئالې» ساياھەتچىلەرنىڭ بايقىشىنى كۈتىدۇ! ھازىر قۇمقاناس زېرەكچاقلار بازىرى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلوپ بولدى، «قار مەخلۇقى ئالې» مۇز مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بويىچە ئەتراپىدىكى لايىھەلەش، ياساش خىزمەتلىرىنى تاماملاپ بولدى.
 ▲ ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ كېچۈەن مۇنداق دېدى: قۇمقاناس قار ـ مۇز زېرەكچاقلار بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلەرنىڭ بىۋاستە ھىس قىلىشى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشى جەريانىدا قۇمقاناس كەنتىگە بولغان تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى ساھەسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇمقاناس قار- مۇز زېرەكچاقلار بازىرى ئالاقە تورى تىجارەت ئەندىزىسىگە تايىنىپ، مەدەنىيەتنى مەزمۇن، ساياھەتنى ۋاستە قىلىپ، قاناس ۋە قۇمقاناستىن ئىبارەت گۈزەل قار ـ مۇز ماكانى قار ـ مۇز ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنىڭ قىش پەسلىدىكى مول قار- مۇز ساياھەت مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىپ، ئالتاينىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى