قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇكاڭ شەھىرى «ئىسسىق بىلەن سوغۇق» باش تېما قىلىنغان ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە يېڭى، ئۆزگىچە ساياھەت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى

2018-12-06 18:21:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

فۇكاڭ شەھىرى بۇ يىل قىشتا ئالتە ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىپ، «ئىسسىق بىلەن سوغۇق» باش تېما قىلىنغان ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە يېڭى، ئۆزگىچە ساياھەت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.
 
▲ قىش پەسلىدىكى تيانشان بوغدا كۆلىدە قۇياش نۇرى ئىللىق، ئاسمان كۆپكۆك، يىراقتىكى تاغ چوققىلىرى ۋە ياپيېشىل قارىغايلارنى ئاپئاق قار قاپلىغان بولۇپ، تيانشان بوغدا كۆلى ئادەتتىن تاشقىرى تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. جايلاردىكى ساياھەتچىلەر كۆل بويىدا سەيلە قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە ئىدى. بېيجىڭلىق ساياھەتچى گاۋ شۆجىڭ مۇنداق دېدى: بوغدا كۆلىنى كۆرۈپ، بۇ جاينىڭ ئاجايىپ بىر جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى، دېڭىز يۈزىدىن شۇنچە ئېگىز بۇ رايوندا بۇنداق چوڭ كۆل بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنزىرىسىمۇ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن.
 
▲ فۇكاڭ شەھىرى بۇ يىل قىشتا تيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھىتىدىن باشقا، يەنە ئارشاڭ، قار- مۇز ساياھىتى، مېۋە- چىۋە ئۈزۈش ساياھىتى قاتارلىق ئالتە ئۆزگىچە ساياھەت لىنىيەسىنى ئاچتى. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا فۇكاڭدىكى «ۋۇجياڭ» ئارشاڭ خەلقئارا ئارامگاھىدا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇن ئاتا- ئانا دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، دولقۇن يېرىش، سۇ چېچىشىش، ئارشاڭغا چۈشۈش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلاندى. سانجىلىق ساياھەتچى ياڭ جياخاۋ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى ئارشاڭنىڭ ئەسلىھەلىرى ناھايىتى ياخشىكەن، دوستلىرىمنى باشلاپ يەنە داۋاملىق كېلىپ تۇرىمەن.
 
▲ فۇكاڭ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەن سۇڭمېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىشتا بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى ئالغاندىن باشقا، قالغان مەنزىرە نۇقتىلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئۆزگىچە پائالىيەتلەر ۋە ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەسىلەن، ۋۇجياڭ ئارشاڭ شەھەرچىسى، ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقى پارنىكتا مىۋە ئۈزۈش تۈرىنى يولغا قويدى، مۇزلۇق كۆل ھاراق قوروقى يەنە پارنىكتا ئۆزگىچە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش تۈرىنى يولغا قويدى. يەنە بىلىن شەھەرچىسىمۇ مەدەنىيەت بۇتخانا سەيلىسى تېمىسىدىكى تۈرلەر ۋە پانۇس كۆرگەزمىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ فۇكاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى