قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

2018-12-06 18:23:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا، ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان نەچچە يۈز دالا ئاپتوموبىلى ئۇنسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىغا يېتىپ كەلدى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە تاماشا قىلغاچ رەسىمگە چۈشتى. يېقىندىن بۇيان، ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسىدا كۆپ قېتىم قار ياغدى، يىغىندى قار جىلغىغا گۈزەل تۈس ئاتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتى ۋە شۇ جايدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.
 
▲ ئىگىلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئونسۇ تۆمۈر جىلغىسىدا 47 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتىۋېلىنغان بولۇپ، كۈتىۋالغان ساياھەتچى سانى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %33.64 ئاشقان. 11- ئايدا، بۇ مەنزىرە رايونى 3 مىڭ 321 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان.
 
▲ تيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسى يەنە «قۇتلۇق چوڭ جىلغا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى «سىرلىق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇزارت قەدىمىي يولىدىكى ئۆتەڭ، ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ جىلغىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈچ ئاساسىي جىلغا، 12 تارماق جىلغا ۋە نەچچە يۈز كىچىك تارماق جىلغىدىن تەركىب تاپقان.
 ▲ ئاقسۇ دولان- كۈسەن ساياھەتچىلىك تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزى مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل قىشلىق ساياھەتكە قارىتا، مەنزىرە رايونى بىر قاتار ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئوتتورىغا چىقارغان، 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە كىرىش بىلىتى ئېلىنمايدىكەن، مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنىدىن كىلەر يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، كىرىش بىلىتى يېرىم باھا ئېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن. مەنزىرە رايونى يەنە مول مەزمۇنلۇق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىشلىق ساياھەتنى جانلاندۇرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى