قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئۈچتۇرپاننى قىشتا ساياھەت قىلىش-- بۇلاق شەھىرىنى تاماشا قىلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى سىلەرنى كۈتمەكتە

2018-12-06 18:24:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل قىشتا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى قىشلىق ساياھەت ئىسىل لىنىيىلىرى ۋە قىشلىق ساياھەت ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېچىپ، قىشلىق يۈرۈشلۈك ساياھەت پائالىيەتلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، قىشلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلەرنى ئوتتورىغا چىقىرىپ، قىشلىق ساياھەتنى جانلاندۇردى.
 
▲ بۇ يىل 11- ئايدىن كىلەر يىلى قىشقىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەت، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى پىلانلاپ ئېچىپ، نۇقتىنى كىسىپ ئۆتۈپ، لىنىيە ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئۇچتۇرپاننىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. «ساياھەت +» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كەيپىياتنى جانلاندۇرۇپ، تەمىنلەشنى كۆپەيتىدۇ.
 
▲ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاممىۋى ساياھەت بازىرىنى مۇھىم نۇقتا، بازار ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، قىشلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە بازىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاممىۋى ساياھەت ئىستىراھەت ئارامگاھى يادرولۇق رايونلىرىنى بەرپا قىلدى. يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستىراھەت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر كۈنلۈك ساياھەت، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت لىنىيىلىرىنى ئېچىپ، كەسىپ ئامىللىرىنى توپلاپ، ئاممىۋى ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، قىشلىق ئىستىراھەت ساياھەت چەمبىرىكى بەرپا قىلدى. ئاممىنىڭ قىزىقىشى كۈچلۈك بولغان ۋېلىسىپىت مىنىش، پىيادە مېڭىش قاتارلىق قىشلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قىشلىق ساياھەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلىدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، «بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھىتى»، «قىشلىق لاگېر» قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
 
▲ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى رايون ئالاھىدىلىكى ۋە بازار ئاساسىغا بىرلەشتۈرۈپ، «ساياھەت +» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيە ساياھىتى، يېزا- كەنت ساياھىتى، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، تەتقىقات خاراكتېردىكى ئۆگىنىش ساياھىتى، كۈتۈنۈش ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ياتاق، پىيادە ئىكىسپىدىتسىيە قىلىش قاتارلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا ئىلھام  بېرىدۇ ھەمدە «يېڭى يىل»، «چاغان» قاتارلىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ساياھەت بازىرىنى تەشكىللەش ۋە مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ. شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال يېڭى ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (مەنزىرە نۇقتىلىرى)، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت كەنت بازارلىرىغا تايىنىپ، ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنى ئاچىدۇ. ناھىيەدىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە 3 يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تەمىنلەشنى ئاشۇرىدۇ. ھەرقايسى يېزا (بازار) لار قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي تىجارىتىگە مەدەت بېرىدۇ.
 ▲ ئىگىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىدىن 50 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىكەن، كىلەر يىلى 1- پەسىلدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېشىش نىسبىتىنى %30تىن كەم قىلماي، سۇس پەسلدىمۇ ساياھەت جانلىنىش، تۆت پەسىلدە تەكشى تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى