قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايوننىڭ 3- نۆۋەتلىك «گۈزەل شىنجاڭ-- بۈيۈك مىھرى- مۇھەببەت ھىكايىلىرى» تىمىسىدىكى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ھېكايىلەر كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى

2018-12-06 18:13:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايوننىڭ 3- نۆۋەتلىك «گۈزەل شىنجاڭ- بۈيۈك مىھرى- مۇھەببەت ھېكايىلىرى» تېمىسىدىكى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەر ساھەدىن كەلگەن 700 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما ۋەكىلى نەق مەيداندا مۇسابىقىنى كۆردى.
 
▲ ئاپتونوم رايوننىڭ 3- نۆۋەتلىك «گۈزەل شىنجاڭ- بۈيۈك مىھرى- مۇھەببەت ھىكايىلىرى» تىمىسىدىكى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە «ئىككى خالتا قوناق ئۇنى 40 يىللىق مىھرى- مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى»، «قەشقەرلىك يىگىت بىلەن سىچۈەنلىك قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى»، «چۆللۈكتىكى گۈزەل ھايات» قاتارلىق سەككىز مۇنەۋۋەر ھېكايە نەق مەيداندا سۆزلەندى، مۇسابىقىگە ئورگان كادىرلىرى، كارخانا خىزمەتچىلىرى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ـ ساقچىلىرى، مەھەللە ئاھالىلىرى قاتناشتى. مۇسابىقىدە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى سۆزلەش، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەش شەكلىدە بىر تۈركۈم ھەقىقىي، تەسىرلىك، ئىشەنچىلىك، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى تىپلار باھالاپ چىقىلدى.
 
▲ ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇدا ئىككى نۆۋەت «گۈزەل شىنجاڭ-- بۈيۈك مىھرى- مۇھەببەت ھېكايىلىرى» تېمىسىدىكى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئىنكاس پەيدا قىلدى. ئامما سۆزلەش، ئاممىغا سۆزلەش، ئاساسىي قاتلامدا ئەۋج ئالدۇرۇش، ئامما ئارىسىدا ئەۋج ئالدۇرۇشتەك خوشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «گۈزەل شىنجاڭ-- بۈيۈك مىھرى- مۇھەببەت ھېكايىلىرى» تىمىسىدىكى ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ھېكايىلەر كۆرىكىنىڭ نەق مەيداندىن ئېلىنغان فىلىمى يېقىندا شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىر نەچچە قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى