قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 مۇشۇ ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىدىغان ماي مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە «دۆلەت 6 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمى دەۋرىگە قەدەم قويدى

2018-12-06 18:13:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا دۆلەت 6- دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىن، سالياركا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بازارغا سېلىندى، بۇنىڭ بىلەن «دۆلەت 5 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىن «دۆلەت 6 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە ئالماشتۇرۇش تاماملىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان بېنزىن، سالياركا مەھسۇلاتلىرى رەسمىي «دۆلەت 6 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمى دەۋرىگە قەدەم قويدى.
 
▲ كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللار «دۆلەت 6 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىنزىن، سالياركا بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلىنىدۇ. بۇ، ئېلىمىزنىڭ بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «دۆلەت 5 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىن، سالياركا ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئېنېرگىيە سۈپىتىنى يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. 6- ئايدىن ئېتىبارەن، يۈننەن، خېنەن، شاڭخەي، جياڭسۇ، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتلىرى «دۆلەت 6 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىن، سالياركا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئارقا- ئارقىدىن باشلىغان ئىدى.
 ▲ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى شىنجاڭ نېفىت تارماق شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىم ۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دۆلەت 5 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىن «دۆلەت 6 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە ئۆرلەش جەريانىدا، بىنىزىننىڭ ئۆلچەم نومۇرى ئۆزگەرمەيلا قالماستىن، تەييار ماي باھاسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ، ئوخشىمىغان ئۆلچەمدىكى بېنزىنلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلىغا «دۆلەت 6 ـ» دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىنلارنى قاچىلىغاندا، ماي باكى ياكى ماي يولىنى تازىلىشى ھاجەتسىز، ئاپتوموبىلغا ماس كېلىدىغان بېنزىننى تاللاپ، بىر نەچچە قېتىم قاچىلىغاندىن كېيىن، يېڭى ئۆلچەمگە ئۆتۈش تەبىئىي تاماملىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى