قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى

2018-12-06 18:39:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ماس كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى داۋالاش، سەھىيە ساھەسىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتى سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى قاتتىق تۇتۇپ، بۇ يىللىق داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇنداش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، داۋالاش بايلىقى تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش- داۋالاش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش؛ دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، پۈتۈن جەرياندا قوللىنىلىدىغان ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دورا تەمىنات كاپالىتى تۈزۈمى ئورنىتىش؛ «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق»نى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، ۋاقىت قىس بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، جايلار، تارماقلار باش نىشان ئارقىلىق داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تىرىشىپ داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق داۋالاش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەتلەردىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى