قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«يۇلغۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات» ماۋزۇلۇق چاتما خەۋەرنىڭ «يۇلغۇنغا ئوخشاش چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش» دېگەن 1- قىسمى

2018-12-07 11:43:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بوتانىكا ئالىمى، دۇنياغا داڭلىق قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەلىك توشقان زەدىكى تېرىقچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى، «سۈنئىي ئۇسۇلدا توشقان زەردىكى ئۆستۈرۈش ئاتىسى» ليۇ مىڭتىڭ بىر ئۆمۈر چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئېلىمىزنىڭ يۇلغۇن ئۆسۈملۈك تەتقىقاتىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا يەتكۈزدى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۇ كېرىيە ناھىيەسىدە ماكانلىشىپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇلغۇنقا توشقان زەدىكى ئۇلاپ ئۆستۈرۈپ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئىستانسىمىزنىڭ «يۇلغۇن بىلەن ئۆتكەن ھايات» ماۋزۇلۇق چاتما خەۋەرنىڭ «يۇلغۇنغا ئوخشاش چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش» دېگەن 1- قىسمى
بۇ ئىككى كۈندە، 85 ياشلىق ليۇ مىڭتىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تۇڭدې ناھىيەسى رەنگو كەنتىدىكى «گەنمېڭ» يۇلغۇنىنى قوغداشنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مىنوتمۇ بىكار يۈرمەي، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نەگە بارسام شۇنى خاتىرىلەپ ماڭىمەن. كۈندىلىك خاتىرىدىن نەچچە ئوننى يېزىپ بولدۇم.
بۇ دەپتەرلەرگە ليۇ مىڭتىڭنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگەن ئىشلىرى بىرمۇ- بىر خاتىرىلەنگەنىدى. 1957- يىلى لەنجۇ داشۆسى بىئولوگىيە شىسىنىڭ ئۆسۈملۈك كەسپىنى پۈتتۈرگەن ليۇ مىڭتىڭ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭغا خىزمەتكە كەلگەنىدى.
ليۇ مىڭتىڭ شىنجاڭغا كېلىشى بىلەنلا، شىنجاڭدا يۇلغۇنلارنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكى، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقى، لېكىن دۆلەت ئىچىدە ئۇنى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن يۇلغۇننى ئاساسلىق تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، يۇلغۇنلۇقتىكى ھاياتىنى باشلىۋەتتى.
1959- يىلى ليۇ مىڭتىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان تەكلىماكاننى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتناشتى. قۇملۇقنىڭ ھاۋاسى پىژغىرىم ئىسسىق ھەم ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، يولدىن ئېزىپ قېلىش ئەھۋاللىرى پات- پاتلا يۈز بېرىپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ليۇ مىڭتىڭنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتتى، ئۇ بىر تۈپ ئىنچىكە، قاتتىق، قۇرغاق يۇلغۇننى كۆرگەن ئىدى. كەسپىي بىلىمى ئارقىلىق بۇنىڭ يېڭى بىر سورت بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى بىلدى. ئۇ تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ كېلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇلغۇن توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى كۆردى. بۇنىڭغا ئوخشاش خاتىرىنى بايقىمىدى. ليۇ مىڭتىڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، يۇلغۇنلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، بۇ يۇلغۇنلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئىككى- ئۈچ مېتىر كېلىدىغانلىقى، ئەگەر كۆچمە قۇم ئاستىدا قالسىمۇ، يەنە ئىككى- ئۈچ مېتىر ئۆسىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاخلىرىنىڭ ئەۋرىشىم بولۇپ، بوراننىڭ يىقىتالمايدىغانلىقىنى بايقىدى. ليۇ مىڭتىڭ قايتا- قايتا دەلىللەش ئارقىلىق، 1960- يىلى ئۇنىڭغا «قۇملۇق يۇلغۇنى» دەپ نام بەردى. 1979- يىلى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭ نامىنى «تەكلىماكان يۇلغۇنى» دەپ ئۆزگەرتتى. بۇ كەسىپتىكىلەر «ليۇ يۇلغۇنى» دەپمۇ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ليۇ مىڭتىڭ يەنە يەكەن يۇلغۇنى، تارىم يۇلغۇنى، ئالتۇن مۇنار يۇلغۇنى، ئاق گۈللۈك يۇلغۇندىن ئىبارەت تۆت يېڭى سورتنى بايقىدى. ليۇ مىڭتىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ناچار مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلدۇق.
1982- يىلىدىن باشلاپ، ليۇ مىڭتىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى قۇملۇق ئەتراپىدا بەش يىل تۇردى. ئۇ دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە يۇلغۇن تىكىپ، چىرا ناھىيەسىدە 150 مىڭ مو قۇمنى تىزگىنلىدى. كۆچمە قۇمنىڭ ئالدى قىسمىنى 4، 5 كىلومېتىر چېكىندۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىپ، يۇلغۇنلۇق كۆلىمىنى 5 مىليون مودىن ئاشۇردى.
1995- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت- پىلان مەھكىمىسى تۇنجى «دۇنيا چۆللىشىش ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» دە، تۇنجى قېتىم تەسىس قىلغان «يەر شارىدىكى تۇپراقنىڭ چېكىنىش ۋە چۆللىشىشىنى تىزگىنلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجە مۇكاپاتى» نى ليۇ مىڭتىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان «شورلۇق يەر، قۇم يەرگە كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىپ، كەڭ دائىرىدە يۇلغۇن تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكىسى» تەتقىقات تۈرىگە بەردى.
بۈگۈنكى كۈندە، ياشىنىپ قالغان ليۇ مىڭتىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چېپىپ، يۇلغۇن تىكىشنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەنى، ۋەتەننى، چېگرا رايوننى سۆيىمەن. شىنجاڭغا كەلگەن ئىكەنمەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا خىزمەت قىلغانلىقىمدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن.
تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى