قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل- ئىناق ئۆتۈش

2018-12-07 11:46:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئەيساجان ئەكرەم بىلەن تۇنساگۈل قۇربان ئەر- ئايال ئىككەيلەن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى گۈلباغ كەنتىدىكى دېھقان. ئۇلار ئىگە- چاقىسىز موماي ما جۈنفۇنىڭ ھالىدىن بالىلىرىغا ئوخشاش خەۋەر ئېلىپ، شۇ جايدىكى يىراق- يېقىندا داڭقى بار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىگە ئايلاندى.
كىيىم- كېچەك سودىسى قىلىۋاتقان ئەيساجان ئەكرەم ئەر- ئايال ما جۈنفۇ موماينىڭ بىنادىن چۈشۈپ پەستە ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ، موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۆيىگە ئېلىپ كىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلدى. ما جۈنفۇنىڭ قوشنىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەك تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى بەس- بەستە ماختىدى.
ئەيساجان ئەكرەم ئەر- ئايال بىلەن ما جۈنفۇ موماي ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىنى بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئەسىر مەيدانىدا كىيىم- كېچەك دۇكىنى ئاچقان ئەيساجان ئەكرەم ئەر- ئايال بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ھەرىكىتى قولايسىز بىر موماينىڭ بىنا پەلەمپىيىدىن تەسلىكتە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئەر- ئايال ئىككىسى دەرھال بېرىپ ياردەم قىلىدۇ. تۇنساگۈل قۇربان مۇنداق دېدى: موماي قولى بىلەن تامنى تۇتۇپ ماڭىدىكەن، قولى ۋە پۇتى تىترەيدىكەن، ئېھتىيات قىلمىسىلا يىقىلىپ چۈشىشىشى مۈمكىن ئىدى، ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. يولدۇشۇم موماينى يۆلەپ، بىزنىڭ دۇكانغا ئېلىپ كىرىپ ئارام ئالدۇردى.
بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن ما جۈنفۇنىڭ پەرزەنتى يوق بولۇپ، ئېرى بۇرۇنلا تۇگەپ كەتكەن. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، موماي ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، تۇرمۇشى ناھايىتى قولايسىز بولۇپ قالغان. ئەيساجان ئەكرەملەرنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، قىزى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئوغلى قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەيتتى. ئەر- ئايال ئىككىسى قايتا- قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ما جۈنفۇ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلىپ، ھەر كۈنى تاماق ئاپىرىپ يىگۈزۈپ قويدى، موماينىڭ ئۆي ئىشلىرىگە ياردەملەشتى. يەنە پات- پات موماينى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ تۇرغۇزدى.
ما جۈنفۈ موماي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇلار ماڭا ئۆز ئاتا- ئانامدىنمۇ يېقىن بولۇپ كەتتى، كۈندە تاماق ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئۇلار ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەيساجان ئەكرەم ئەر- ئايالنىڭ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھېكايىسى خۇلۇم- قوشنىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. گۈلباغ كەنتى ئەيساجان ئەكرەم ئەر- ئايالنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بەردى. ئاۋات ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئاۋات بازىرى گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى دۇ رۇڭخۇي مۇنداق دېدى: ئەيساجان ئەر- ئايالنىڭ ما جۈنفۇ موماي بىلەن بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ھىكايىسى كەنتتىكى ئاھالىلەرنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. كەنتتە ئاھالىلەر يىغىنى ئېچىپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ئەيساجان ئەر- ئايال ئىككەيلەنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلدۇق ھەمدە بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىردۇق.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى