قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان تۆت خىل يېمەكلىك

2018-12-07 11:59:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بىرىنچى خىل يېمەكلىك ئۆرۈك مېغىزى:
بېسىم پىروتىتولنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر پىروتىتول ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ تۆۋەنلىمىسە، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئۆرۈك مېغىزىنىڭ تەركىبىدە مول ماگنىي بار بولۇپ، بۇ خىل مىنېرال ماددىلار پىروتىتولنىڭ سەۋىيەسى ۋە قان بېسىمنى كونترول قىلىپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بېسىمنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئىككىنچى خىل يېمەكلىك ساۋمېي:
ساۋمېي تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ساۋمېينى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا پىروتىتولنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
بېسىمنى يېنىكلىتىدىغان ئۈچىنچى خىل يېمەكلىك-- گىلاس شەربىتى:
گىلاس شەربىتى قارا پىگمېنتنى ئازايتقۇچى ھورموننى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى تەركىبلەر بىلەن تەمىنلەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بېسىمنى يەڭگىللىتىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇنىمۇ ياخشىلايدۇ.
بېسىمنى يېنىكلىتىدىغان تۆتىنچى خىل يېمەكلىك-- پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر:پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئوخشاشلا زور مىقداردا ماگنىي بار بولۇپ، بەدىنىدە ماگنىي مىقدارى يۇقىرى بولغان كىشىلەردە C رېئاكسىيە ئاقسىلى تۆۋەن بولىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، زىيادە يۇقىرى بولغان C رېئاكسىيە ئاقسىلى تېخىمۇ زور بېسىم ۋە خامۇشلۇق خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى