قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمەلىي ئىشلەپ پۇقرالارغا بەخت كۈلكىسى ئاتا قىلىش

2018-12-07 12:23:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باقىتئېلى بەيكىن نىلقا ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ قاراتۆپە يېزىسىنىڭ تاشيول كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. ئۇ كەنتكە كەلگەندىن كىيىن، قەتىي ئىشەنچىسى، كۈچلۈك ئېتىقادى ۋە سادىقلىقى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىككى قولى ۋە قان تەرى ئارقىلىق تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
باقىتئېلى كەنتكە كىلىپلا، كەنتتىكى بىر قىسىم ياشلارنىڭ كۈن بويى ھېچ ئىش قىلماي بىكار يۈرىيدىغانلىقى، بوشاڭلىقى، بىر قىسىم ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ دەرھال كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، «ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، ياش پارتىيە ئەزالىرىنى باشقا ياشلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى ھەرىكەت داۋامىدا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، تالانتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
 باقىتئېلىنىڭ تەكلىپى بىلەن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» ھەر ئاينىڭ 10- كۈنىنى پىدائىيلار مۇلازىمەت كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، «ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» بەلگىلەنگەن ئورۇن، بەلگىلەنگەن ئادەملەرنى قەرەللىك ھالدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللىدى. يازلىق يىغىم مەزگىلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، كەنتتە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئۈچۈن بۇغداي ئورۇپ بەردى؛ كېسەل بولۇپ قالغىنىغا كۆپ يىل بولغان مېيىپ ياشانغانلار ئۈچۈن دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇردى؛ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار كېسەلگە گىرىپتار بولغان دېھقانلارغا ئىئانە توپلاپ، بىمارلارنى ۋاقتىدا داۋالاپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
كەنت ئاھالىسى كۇڭ فەنشۈ ئالتۇن رەڭلىك شاللارنى ئاپتاپقا سالغاچ، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى: «ئەگەر بۇ ياشلار ماڭا ياردەم قىلمىغان بولسا، مېنىڭ ئاشلىقىم سېسىپ كەتكەن بولاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن يارايدۇ!». ھازىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىدىغان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مۇلازىمەت ئەترىتىمۇ يېڭىدىن باشلانغان 10 ئادەمدىن ھازىرقى 82 ئادەمگە كۆپەيدى. ھازىرغا قەدەر، «ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» نامرات ئائىلىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە 26 قېتىم مۇلازىمەت قىلىپ، 58 قېتىم تۈرلۈك پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 8 قېتىم مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، «ئەخلاق ئۈلگىسى دەرسخانىسى»، «ئەتراپىمدىكى يېزا، كەنت پارتىيە ئەزالىرى» قاتارلىق لېكسىيە پائالىيىتى تەشكىللىدى. ھازىر، كەنتتىكى رادىئو كانايلىرى ياڭراپ، سەھنىمۇ جانلىنىپ، ياشلارنىڭ قەلبىمۇ بىر يەرگە جەم بولدى، بىر قىسىم ياشلارنىڭ چېچىلاڭغۇ ھالىتىمۇ ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەردى. ھازىر 25 ياش پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇندى، 4 ياش پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، باقىتئېلى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى، دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئىش- ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» سۆھبەت يىغىنى، ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ كۈچىنى ئۈن- تىنسىز مۇجەسسەملىدى.
باقىتئېلى يەنە كەنتتىكى بېيىش ماھىرلىرى، يەرلىك تەشۋىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدە ئارزۇ- ئارمانلىرىنى سۆزلەش دەرسى تەسىس قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئىشەنچ، ئىرادە تۇرغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى. كەنتتىكى ئىشچان نەمۇنىچىلارنى تاللاپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، باقىتئېلىنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتەكلىشىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھى قىياپىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولدى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق سەۋىيەسى بىر قەدەر ناچار بولغان گېمىس نۇرگۈل مەكتەپ دەرسخانىسىدا دۆلەت تىلىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى؛ نامرات دېھقان جېڭ گو «ساقلاش، تايىنىۋېلىش، ئېلىش» ئىدىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئۆزگەرتتى. باقىتئېلى ئاممىغا بولغان قىزغىنلىقى، پۇختا ئىشلەش خىزمەت ئىستىلى، سەۋرچان، سەمىمىي خىزمەت پوزىتسىيەسى بىلەن ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.  زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، بۈگۈنكى تاشيول كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىمۇ ئاشتى.
«كېلىڭلار، يوۋبەسەي، جۈسەيلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز تېرىغان، سىلەرگە نېمە كېرەك؟». كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىك دۇكىنىدا كەنت ئاھالىسى لى مىڭگۇي خېرىدار چاقىرىۋاتاتتى. «بۇ دۇكاننى ئېچىشتا، باقىتئېلى ۋە خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن». دۇكاننىڭ گېپى بولسىلا، لى مىڭگۇي دائىم توختىماي رەھمەت ئېيتاتتى. بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، نامرات دېھقان لى مىڭگۇي بىر نەچچە مو ئۈنۈمسىز ئېتىزغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ، ئىككى قىزىنى ئوقۇتۇپ، تۇرمۇشى ناھايىتى قېيىنچىلىقتا ئۆتتى. ئائىلە زىيارىتىدە باقىتئېلى لى مىڭگۇينىڭ كۆكتات تېرىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
باقىتئېلى، لى مىڭگۇيغا تەكلىپ بېرىپ: «كەنتتە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىك دۇكىنى كەمچىل، بولسا سىز ئېچىپ سىناپ بېقىڭ، ئۆزىڭىز ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزىڭىز ساتىسىز، تىجارىتىڭىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، باقىتئېلى ئۇنىڭغا ئىگىلىك تىكلەش، باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە: «ئەنسىرىمەڭ، سىز خالىسىڭىزلا، رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىڭىزگە ياردەم بېرىمەن» دەپ تەسەللى بەردى. ناھايىتى تېزلا لى مىڭگۈينىڭ دېھقانچىلىق قوشۇمچە يېمەكلىك دۇكىنىدا تىجارەت باشلاندى. لى مىڭگۇي: «خوجايىن بولۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھازىر دۇكاننىڭ سودىسى يامان ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسى باقىتئېلىنىڭ ياردىمىدىن بولدى» دېدى مىننەتدارلىق بىلەن.
باقىتئېلىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن بەدەل تۆلىشى تاشيول كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. باقىت ئېلى ۋە خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت» نىڭ ياردىمىدە، نۇرماھىرە ھەسەن قاتارلىق 18 ئايال پىشلاق زاۋۇتىدا ۋاقىتلىق ئىشچى بولدى؛ ما جيەنمىڭ قاتارلىق ئالتە كەنت ئاھالىسىنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى «تاۋباۋ»، «جىڭدۇڭ» ئېلېكتىرونلۇق سودا تورلىرىدا سېتىلدى؛ دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى ئارقىلىق ئۈچ نەپەر تېخنىك ئىشچى نىشانلىق تەربىيەلىنىپ چىقتى. باقىتئېلى چىن كۆڭلىدىن غەمخورلۇق قىلىشتىن ئۆز ئارا سىردىشىشقىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، سەمىمىيلىك بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، مېھىر- شەپقەت ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى قولغا كەلتۈردى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى، ھەقىقىي ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق پۇقرالارغا بەخت كۈلكىسى ئاتا قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى