قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئۇلۇغ ھالقىش» ناملىق بىر يۈرۈش چاتما خەۋىرىنىڭ «بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى سەھىپە يارىتىش» دېگەن 1- قىسمى

2018-12-11 10:17:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئىسلاھات قەدىمى مۇستەھكەم بېسىلماقتا. 40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. باش نىشان بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى نىشانلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى. ئىستانسىمىزنىڭ «ئۇلۇغ ھالقىش» ناملىق بىر يۈرۈش چاتما خەۋىرىنىڭ «بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى سەھىپە يارىتىش» دېگەن 1- قىسمى
كەچ سائەت 10 دا، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. بۇ يەردە ئادەم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر سەيلە قىلغاچ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، بۇ يەرنى توختىماي ماختاۋاتقان ئىدى. شېنجېندىن كەلگەن ساياھەتچى خەن خانىم مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ يېمەكلىكلىرى ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن، بۇ يەر ئادەمگە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىكەن. قەيەردە قانداق ياخشى يەيدىغان يېمەكلىكلەر بار، قەيەردە كۆڭۈللۈك ئوينىغىلى بولىدىغانلىقىنى باشقىلار ئېيتىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشنىڭ ھەممىسىدە كېلىمەن ھەم باشقىلارغىمۇ زور كۈچ بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن.
  چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا تىجارەت قىلىدىغان پەرىدە ئەلى مۇنداق دېدى: بۇ يەردە 3 ئاي تىجارەت قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپتىم. بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپ، ساياھەت ئاۋات مەزگىلىدە بىر كۈندە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم.
  چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى بۇ ئاۋاتچىلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 143 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %38.72 كۆپ بولغان، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي ئىستېمالى 245 مىليارد 946 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدن %40.06 ئاشقان. يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ يىللىق كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىنىڭ 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار.
شىنجاڭغا كەلگەن نۇرغۇن ئادەم ئالاقە تورىدا بەس- بەستە شىنجاڭنى ماختاپ: «ھازىر شىنجاڭ گۈزەل بولۇپلا قالماي، بىخەتەر، مۇقىم، ئىناق ئىكەن. مەيلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بولسۇن، مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، كىشىلەر خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ، نەرسە- كېرەك سېتىۋالالايدىكەن، ئوپچە تاماق يېيەلەيدىكەن، ساياھەت قىلالايدىكەن» دېيىشتى. چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى لى ماۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا بارغاندىلا ۋەتىنىمىزنىڭ نەقەدەر بىپايان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ھەم ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمىزنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەشۋىق قىلىمەن، سىلەرنى قوللايمەن.
ساياھەتچىلىك ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بارومېتىرى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. مۇقىملىقنىڭ پايدىسى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «مۇقىم بەخت» يارىتىلدى.
2014- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. بۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى پىلانلىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى.
ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، «بىر باش نىشان» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا» نى ئىگىلەپ، «بىر ياخشى مېخانىزم» نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت» نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى بىرىنچى چوڭ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتە قىلچە تەۋرەنمىدى. تۈرلۈك بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى؛ جايلارنىڭ جەمئىيەت قاتلىمىدا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر بىخ ھالىتىدە يوقىتىلدى ۋە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقمىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا 22 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، جۈملىدىن ئامانلىق دېلوسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايى ئىشلار دېلوسى، جەمىيەت ئامانلىقى دېلوسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات ئىككى مۇھىم نۇقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش»، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئۈزۈكسىز ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. 2017- يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، %7.6 ئاشتى. شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم ھالدا %8.1، %8.5 ئاشتى. سۈپەت ئۈنۈمىنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ماددىي ئاساس سېلىپلا قالماي، تۈمەن مىڭ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئادا قىلىپ، يىلتىزىنى كەڭ ئامما ئارىسىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىدى. ئاپتونوم رايونىمىز 2016- يىلىدىن باشلاپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش- يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. تۈركۈم - تۈركۈم كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دېھقانلار ھويلىسى، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يىتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، كۆپ قېتىملىق ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش داۋامىدا، بارا - بارا قەلبلىرى تۇتىشىپ، خۇشاللىق ۋە قايغۇدا بىللە بولىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتى. بۇ شىنجاڭ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەسىرلىك مەنزىرە، شۇنداقلا باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچ، ئىشەنچ، ئۈمىد. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى مىللەت، دىن نەزەرىيەسى- تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى فاڭ مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىچىدە، مەيلى ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، مەزمۇنى ۋە چېتىلىش دائىرىسىدە بولسۇن، ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. ئامما بىلەن بولغان ئارىلىق قانچە يېقىنلاشقانسىرى ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا بىۋاستە رول ئوينايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا شەكىللەنگەن بۇ خىل ھېسسىيات مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ھېسسىياتنىڭ تايانچىسى.
خەلق تۇرمۇشى ئەل رايىغا باغلانغان، ئەل رايىغا خەلقنىڭ كۈچى ئۇيۇشقان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئۈزۈكسىز ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز سالماق ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈردى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، نامراتلارنى يۆلەش، ئەمىن تاپقۇزۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جايلاردا ئەۋج ئالدى، بارغانسىرى ئىنچىكە ئىشلىنىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. ھەر يىلى ئىشىكى ئالدىدىلا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىدىغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بوستان مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق خەبىر مەتروزى مۇنداق دېدى: سالامەتلىك تەكشۈرتۈش بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزنى تەكشۈرۈپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ساغلاملىققا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتى.
يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى كۆكتاتلارنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ ساتىدىغان جىڭ ناھىيەسىنىڭ باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 7- ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۈن يۈشى مۇنداق دېدى: يول راۋانلىشىپ، كېڭەيدى، كوچا ئاپتوبۇسىمۇ ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىدىغان بولدى. ھازىر دۆلىتىمىزدە ئۆزگىرىش ناھايىتى زور، سىياسەت ناھايىتى ياخشى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشكەن جوڭتەي خىمىيە گۇرۇھى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى دېھقان زۇلخۇمار مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دېھقان ئىدىم، ھازىر ئىشچىغا ئايلاندىم. ھەممىنى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بەردى، شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ بىزگە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆز بەختىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈگۈنكى كۈندە مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئالغا باسقان، ھەممە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پەلسەپە كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى لى دەن مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇل تېشى، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ كاپالىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيەلىك كادىرلارنى يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» نى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىقتىسادىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى