قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېھىر- مۇھەببەت نۇرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇش

2018-12-11 12:34:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ داشۆسى «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو تىلى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ جيەنگو قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىسى جەمىلە سادىققا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىپلا قالماي، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. جاۋ جيەنگو ئىلگىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بۇ قىزنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇلتۇر يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق جەمىلە سادىقنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 8 قېتىم داۋالاشنى قوبۇل قىلغانىدى. جەمىلە سادىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىم ئاساسىغا تايىنىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا شىنجاڭ داشۆسىنىڭ جۇڭگو تىلى شۆيۈەنىگە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ كەيپىياتى ئىزچىل چۈشكۈن بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. جەمىلە سادىق مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپكە مىڭ تەستە ئۆتتۈم، ئەمدى ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلار باشلاندى دەپ ئويلىغان بولساممۇ، سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، ھەر كۈنى دېگۈدەك مەكتەپنىڭ خۇڭخۇ كۆلىدە ئۆزۈم يالغۇز يىغلايتتىم. ئاخىرىدا يىغلاپ ئاۋازىممۇ چىقماي قالاتتى.
ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان جەمىلە سادىق ھەر كۈنى دورا ئىچكەچكە، دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى. بۇ بىر يىلدا، شىنجاڭ داشۆسى «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار «سىنىپقا، ياتاققا، ئاشخانىغا كىرىش، ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋېتى ئورنىتىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ دوستلۇق مۇناسىۋېتى ئورناتتى، بۇ ۋەجىدىن جاۋ جيەنگو جەمىلە سادىقنىڭ ياخشى دوستى بولۇپ قالدى. جەمىلە سادىق مۇنداق دېدى: جاۋ مۇئەللىم ئىدىيەدە، ئۆگىنىشتە ماڭا يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، تۇرمۇشتا ماڭا ھەر جەھەتتە ياردەم قولىنى سۇندى. مەن ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتكەندە، جاۋ مۇئەللىم ماڭا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. بىر قېتىم دوختۇرخانىدا ئادەم بەك كۆپ ئىدى، توپتوغرا ئۈچ سائەت ساقلىدىم، جاۋ مۇئەللىم خۇددى ئۆز دادامغا ئوخشاش، مەن بىلەن دوختۇرخانىدا بىللە بولدى. ئىلگىرى روھىي كەيپىياتىم چۈشكۈن بولۇپلا قالماي، ئۆزۈمنى كەمسىتەتتىم. ئەمما جاۋ مۇئەللىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن روھىي كەيپىتايىم ئوچۇق-يورۇق بولۇپ كەتتى، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىممۇ ئاشتى.   
جەمىلە سادىقنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا قارىتا، جاۋ جيەنگو ئۇنىڭغا ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ بېرىپ، ئۇنى تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. جاۋ جيەنگو مۇنداق دېدى: ئۇ كەلگۈسىدە تەھرىرلىك، تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭدا بەلگىلىك ئىقتىدار تەلەپ قىلىنغاچقا، مەن ئۇنى كۆپرەك ئەمەلىي مەشق قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئۇنى ئىقتىدارلىق تەرجىمان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن. 
بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، جەمىلە سادىق مەكتەپ تەشكىللىگەن يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ستۇدېنتلار ئىجتىمائىي ئەمەلىي مەشىق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شايار ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدا «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى» نى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى. مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جەمىلە سادىق مەكتەپكە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. جەمىلە سادىق مۇنداق دېدى: جاۋ مۇئەللىم مېنى ھەر جەھەتتىن يېتەكلىدى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەندە ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچ بار بولدى. كەلگۈسىدە مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتنىشىمەن ياكى بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولىمەن. جاۋ جيەنگو مۇئەللىم ماڭا ياردەم قىلغاندەك، ياردەمگە مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولۇمنى سۇنىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى