قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتاي شەھىرى سانغون تېغى قار تېيىلىش مەيدانى كېچىدە چاڭغا تېيىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا ئاي نۇرىدا قار تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھىس قىلدۇردى

2018-12-11 12:50:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا ئالتاي شەھىرى سانغون تېغى قار تېيىلىش مەيدانى كېچىدە چاڭغا تېيىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا ئاي نۇرىدا قار تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھىس قىلدۇردى.
ھەر كۈنى كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن، ئالتاي شەھىرىنىڭ سانغون تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا چىراغلار يورۇپ، قار يولى چىراغ نۇرىنى قايتۇرۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى قاشتېشى بىلەن قوپۇرۇلغان چوڭ يول ئاسمانغا تۇتاشقاندەك كۆرۈنەتتى، بۇ چاڭغا تىيىلىش مەيدانى نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى. چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى گاۋ جىشياڭ مۇخبىرغا: «قاراڭ، بۇ يەردە ئادەم ئىنتايىن كۆپ ئىكەن، بۇ يەر كىشىگە ياخشى تەسىر بېرىدىكەن، ئاي مەنزىرىسىدە بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدىكەن، مەن كەچتە كېلىشنى ياخشى كۆرىمەن، كېچىدە قار تېيىلسا بەك پەيزى بولىدىكەن» دېدى.
ئالتاي شەھىرى سانغون تېغى قار تېيىلىش مەيدانى بۇ يىل تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇن، مەيدان ئىچىدىكى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېچىدە قار تېيىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاساسى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. چاڭغا تېيىلىش مەيدانى زالىنىڭ دىرېكتورى جاڭ بىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېچىلىك مەيدانغا جەمئىي 300 چىراغ ئورنىتىلىپ، ھەر دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولىنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلدى، كېچىلىك مەيداننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى كەچ سائەت 19 دىن 23 كىچە بۇلىدۇ، قار تېيىلغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان ئاپتوموبىللار بار، بىز تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چاڭغا تېيىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
بۇ يىل ئالتاي شەھىرىگە «جۇڭگودىكى قار ماكانى» دېگەن دۆلەت كىلىمات بەلگىسى بېرىلدى. نۆۋەتتە، ئالتاي شەھىرى ئەلا سۈپەتلىك قار-مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، دۇنيا دەرىجىلىك قار - مۇز ساياھىتى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى