قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسى بىلەن شىڭلۇڭ كوچىسىمۇ يىراق- يېقىنغا داڭقى بار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كوچىسىغا ئايلاندى

2018-12-12 11:00:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:        
2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسى بىلەن شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى تىجارەتچىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە ئۆزئارا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقانىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش داۋامىدا، ئىككى كوچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. ۋاڭسەن كوچىسى بىلەن شىڭلۇڭ كوچىسىمۇ يىراق- يېقىنغا داڭقى بار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كوچىسىغا ئايلاندى.
ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى تىجارەتچى ليۇ تاۋ ھەر كۈنى چۈشتە ۋاقتى بولسىلا ۋاڭسەن كوچىسىدىكى خوگوخانىغا بېرىپ، «ئاچىسى» ئايگۈل ئەمەتنىڭ مېھمانلارنى كۈتۈشىگە ياردەملىشىدۇ. ئايگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، ئىنىم ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى. ئۇ كەسپىي ئاشپەز بولغاچقا، ئاشپەزلىكتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى، يەنى كۆكتاتلارنى چىرايلىق تىزىش، مۇلازىملارنىڭ خىزمەت كىيىمىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ماسكا تاقىۋېلىش، خوگو ئەتكەندە پەلەي كىيىۋېلىش قاتارلىقلار.
ئايگۈل ئەمەت 2010- يىلى ۋاڭسەن كوچىسىدا بۇ خوگوخانىنى ئاچقانىدى، دەسلەپتە ئاشخانىنىڭ كۆلىمى ئاران 150 كۋادرات مېتىر كېلەتتى، 8 ئۈستەل بار ئىدى، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى ئاران 100 نەچچە يۈەن بولاتتى. يېمەك- ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ليۇ تاۋ ئايگۈل ئەمەت بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا خوگوخانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بەردى. ئايگۈل ئەمەت ليۇتاۋنىڭ ياردىمىدە ئاشخانا كۆلىمىنى مىڭ كۋادرات مېتىرغا كېڭەيتتى، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ئىككى كوچىدىكى قوشماقلاشقان سودىگەرلەر بىرمۇ- بىر تۇغقانلاشقاندىن باشقا، بۇ يىل 1- ئايدا يەنە كوللېكتىپ مەبلەغ جۇغلاپ، ئەڭ يېڭى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسىنى كىرگۈزدى، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن بولغان 88 تىجارەتچى بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ ۋاڭسەن كوچىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاشخانىسىنى قۇردى، بۇ ئاشخانىغا پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ چىقارغاچقا، ھازىر بۇ ئاشخانىدا كۈنىگە كۈتۈۋېلىنىدىغان مېھمان 200 دىن ئاشتى. ئاشخانىنىڭ ئىگىسى ئايشەمگۈل تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئاشخانىمىزنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» نى نامايەن قىلىدىغان سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خېرىدارلارنى مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشلا ئەمەس، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھازىرغا قەدەر، ۋاڭسەن كوچىسى بىلەن شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان تىجارەتچى 107 جۈپ، 214 كىشىگە يەتتى. بۇ يىل 10ـ ئايدا، ئاقسۇ شەھىرى «ۋاڭسەن كوچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى خې شيۇخۇا مۇنداق دېدى: بىز دائىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ تىجارەتچىنى قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، يەنە ئۆمەك بولۇپ جايلارغا بېرىپ ھال سوراش ۋە نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر قايسى جايلاردا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى