قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى چيەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆيۈنۈپ، مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى

2018-12-12 11:04:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
 «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىدە، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى جۇڭگو تىلى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى چيەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۆيۈنۈپ، مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى.
 يېقىندا، لى چيەن ئالاھىدە «ئائىلە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كونا- يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئاكا، ھەدىلىرى ۋە يېڭى ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارغا تۇرمۇش ماھارىتى ئۆگەتتى. لى چيەن مۇنداق دېدى: ئائىلە ئەزالىرى بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈشى، بىر- بىرىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك. مەن ئالدىنقى قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بۇ قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، بىرگە بىر ياردەم بېرىش، بىر قاراردىكى ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش جەھەتتە بىر- بىرىگە باغلاپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» نىڭ رولىنى زور دەرىجىدە ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇۋاتىمەن.
 لى چيەن ئىشلەۋاتقان شۆيۈەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق مائارىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كەلگەن. بۇلتۇر 9- ئايدا، لى چيەن 2017- يىللىق تەييارلىق كەسپى 7- سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولۇپ، ساۋاقداشلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئوقۇغۇچى پاتەمخان بارات تارتىنچاق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولۇپ، مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە دائىم ياتاقتا يىغلايتتى. لى چيەن ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ دەرس تەكرار قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بارلىقى، تاماققا پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مېۋە- چىۋە، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۇنىڭ ياتقىقىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىدىيە يۈكىنى چۆرۈپ تاشلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن، پاتەمخان بارات ئاستا- ئاستا مەكتەپ تۇرمۇشىغا سىڭىشىپ كەتتى. پاتەمخان بارات مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتى مېنى تەسىرلەندۈردى. ھازىر بىزنىڭ بىر چوڭ ئائىلىمىز بار بولدى، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئوقۇغۇچىلار بۇ چوڭ ئائىلىگە كىردى، مەنمۇ مۇئەللىمگە ئوخشاش ئۇلارغا تەسەللىي بېرىمەن، ئۇلارغا ياردەم بېرىمەن. خۇدى مۇئەللىم ئېيتقاندەك، ئادەم قۇياشتەك ياشاپ، پۈتۈن دۇنيانى ئىللىتىشى كېرەك.
 كۈندىلىك ئوقۇتۇشتا، لى چيەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئىزچىل تۇرمۇش پۇلى بېرىپ كەلدى؛ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى دۇرۇس بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا دائىم زېرىكمەي نەسىھەت قىلدى؛ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى باھالاپ تارقىتىشتىن بۇرۇن، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەمگە ئېرىشتۈردى. لى چيەن مۇنداق دېدى: ئەگەر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا ئوچۇق- يورۇق بولسا، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇستازىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ ھەم ئۇستازىنى ئۆزىنىڭ دوستى، ھەتتا ئۆز قېرىندىشى قاتارىدا كۆرىدۇ.
تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى