قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېرە ئويما سەنىتى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى نامايەن قىلغان ئۈرۈمچىلىك قىز مېڭ لۇلۇ

2018-12-12 11:08:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭنىڭ تېرە ئويما سەنئىتى ساھەسىدە، 29 ياشقا كىرگەن مېڭ لۇلۇنىڭ ناھايىتى داڭقى بار. تېرە ئويما سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان 5 يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر بىر ئەسىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چىفاڭ كوچىسىدىكى بىر قول- ھۈنەرۋەنچىلىك تېرە ئويما سەنئىتى ئىشخانىسىدا، مېڭ لۇلۇ ئىچكىرىدىكى بىر خېرىدار زاكاز قىلغان قول سومكىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، كېسىش، سىلىقلاش، تۆشۈك تېشىش قاتارلىق ھەر بىر ئىش تەرتىپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىمەكتە ئىدى.     
نەپىس خۇرۇم سومكا، چىرايلىق تېرە ئويما سەنئىتى رەسىمى، ئىجادىي تۈسكە ئىگە ئويۇلغان تېرە ئورۇندۇق، ئىشخانىدىكى ھەر خىل تېرە ئويما سەنئىتى بۇيۇملىرى كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى. مېڭ لۇلۇ شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ كومپيۇتېر گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 24 ياشقا كىرگەن يىلى، ئېلان شىركىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، تېرە ئويما سەنئىتى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ئىدى. تېرە ئويما سەنئىتىدە كامالەتكە يەتكەن ھۈنەرگە ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، يەنە سەۋرچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىناتتى. مېڭ لۇلۇ دەسلەپتە قايتا- قايتا مەشىق قىلىپ، مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ ئالدىدا بىر ئولتۇرسا پۈتۈن بىر كۈن ۋاقتىنى سەرپ قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېرە ئويما سەنئىتىدە، ئاساسىي ماھارەتنى دائىم مەشىق قىلىپ تۇرۇش كېرەك. پىچاق بىلەن سۈرەتلەرنى ئۇيۇشتا بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەش شۇنداقلا تەكشىلىكتە ياي سىزىقى ئويۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. كالا تېرىسى ئويمىچىلىقىدا، خېلى كۈچ سەرپ بولىدۇ. ھازىر ھەتتا ئوتتۇرا بارمىقىمنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، قول ئۈگىلىرىم چوڭىيىپ كەتتى.
مېڭ لۇلۇنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تېرە ئويما سەنئىتى ساھەسىدە نامى يىراق-يېقىنغا تونۇلدى. دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى-- «كۇۋاڭ» دا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 1 مىليون 700 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن تورداش ئۇنىڭ تېرە ئويما سەنئىتى بۇيۇملىرىنى ئالدىن زاكاز قىلدى. مېڭ لۇلۇ دائىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ تېرە ئويما سەنئىتى توغرىسىدا پىشقەدەملەردىن مەسلىھەت سورايتتى. تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ مەنزىرىسى، تيانشان يىلپىزى، ئانار دانىسى، بادام گۈلى قاتارلىق نۇرغۇن شىنجاڭ ئامىللىرى ئۇنىڭ تېرە ئويما سەنئىتى ئەسەرلىرىدە قوللىنىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپلا قالماي، شېنجېندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تېرە ئويمىچىلىقى مۇسابىقىسىنىڭ 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مېڭ لۇلۇ مۇنداق دېدى: ئەسەرلىرىمنى شىنجاڭ سوۋغىسىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىمەن. كېيىنكى قەدەمدە ئەسەرلىرىمنى ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەسەرلىرىم ئارقىلىق شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى