قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مول مەزمۇنلۇق رەڭدار مىللىي ئۆرپ- ئادەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قىشلىق ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى

2018-12-12 11:11:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قارلىق دالا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چانىغا ئولتۇرۇش... بۇ يىل قىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر قار- مۇز مەنزىرىسىنى قانغۇچە تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە مول مەزمۇنلۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەت تەنتەربىيە پائالىيىتىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ. 
دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قاراجون يايلىقىدا، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە قازاقچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا ئىدى. تېكەس ناھىيەسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك «يىپەك يولىدىكى يىدۇ. قار- مۇز مۇھەببىتى» مەدەنىيەت-تەنتەربىيە- ساياھەت پائالىيىتى يېقىندا باشلاندى، پائالىيەتتە بىر يۈرۈش قويۇق ئۆرپ- ئادەت تۈسىگە ئىگە، ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ساياھەتچىلەر تېكەس ناھىيەسىگە كېلىپ، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئارغامچا تارتىشىش، پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تاماشا قىلدى. فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى جاڭ شىۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى قار- مۇز ساياھەتچىلىكىگە ئائىت تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ناھايىتى ماس كېلىدىكەن، قارلىق دالىدا ئات مىنىش، چاڭغا تېيىلىش، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى شۇنداقلا باشقا قار ئۈستى پائالىيەتلىرى كىشىنى بەكلا جەلپ قىلدىكەن.
بۇ يىل كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك قىشتا تىجارەتنى توختىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرىنى نامايان قىلىش، چانا، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش قاتارلىق قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى. قاناس مەنزىرە رايونى قار- مۇز ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا بەش چوڭ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپلا قالماي، نۇرغۇن ساياھەت لېنىيەسىنى ئاچتى. قاناس ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت دىرېكتورى دىڭ يۆيۆ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى قارلىق دالا موتسىكىلىتىغا ئولتۇرۇپ جايمۇ- جاي ساياھەت قىلىش ئارقىلىق، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت تۈرلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ يىل قۇمقاناسقا جايلاشقان تۇۋالار مىللىي ئۆرپ- ئادەت تۇرمۇش مۇزېيى 11- ئاينىڭ باشلىرىدا سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلدى، بۇ مۇزېيدا ئاساسلىقى تۇۋالارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار كۆزگەزمىگە قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرگە مىللى ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى. بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئەتكەن چاي ئىچكەچ، قۇمقاناس مۇزىكا ئەترىتى ئورۇنلىغان ئويۇنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ساياھەتچىلەرگە ھەر جەھەتتىن ھوزۇر بېغىشلىدى.      
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى، توخۇ ۋە قوچقار سوقۇشتۇرۇش، مىللىيچە چېلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. خوشۇت ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۆگە بەيگىسى، ئات بەيگىسى، چېلىشىش قاتارلىق مۇسابىقىلەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. تاماشىبىن ئىمىنجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ پائالىيەتلەر پۇقرالارنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى