قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇشناۋا كەنتىدە ياڭرىغان خوشاللىق ناخشىسى

2018-12-12 19:03:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەشقەر ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاجىك ئابات بازىرى خۇشناۋا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خۇشناۋا كەنتىنىڭ خوشاللىق ناخشىسىنى ياڭراتتى. 
كەنت ئاھالىسى بۇشاباي ئۇتۇقباي مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ھازىر كەنت كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ئاشتى، ئۇلار دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، ھال- ئەھۋال سورايدۇ». كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ، 650 پارچە پىكىر- تەكلىپ جەدىۋىلى تارقىتىپ، 91 تەكلىپ- پىكىر ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقتى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» غا ياردەم بېرىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتارلىق 10 تۈرلۈك ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەر بىر ئىش ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سىياسەت ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، قەرەللىك خىزمەت ئورنى مەسئۇلىيىتى ئىمتىھانىدىن 26 قېتىم ئورۇنلاشتۇردى. «بىرگە بىر ياردەم بېرىش»، «بىرگە كۆپ ياردەم بېرىش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەر بىر خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئاز دېگەندە بىر كەنت كادىرى، بىر نەپەر ئىشسىز پارتىيە ئەزاسى، بىر نەپەر زاپاس كادىر، بىر نەپەر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر يولىنى رەتلەپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ، مۇھىم نۇقتا ۋە نىشان بەلگىلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەت قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى قوزغىدى.
خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاياللار قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاياللار قۇرۇلتىيى، ئىتتىپاق ياچېيكىسى بىلەن بىرلىكتە 36 قېتىم ئورتاق قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاياللار مۇھىت تازىلىقى مۇلازىمەت ئەترىتى، ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە 30 قېتىم ئائىلە تازىلىقىنى باھالاش، 23 قېتىم ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىللەش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شاباز توختاخۇن مۇنداق دېدى: «كەنت ئىككى كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تايانچىسىغا ئايلاندى، 31 ياش تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. بۇنىڭدىن 10 كىشىنى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى قىلىپ بېكىتتۇق».
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىرىنجى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ ۋېيلياڭ بىرىنجى قېتىملىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەخسۇس يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، <بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر> نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك». خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرنى كۈيتۈنگە بېرىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئەمگەك كۈچى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تېگى- تەكتىنى ئېنىقلاپ، خۇشناۋا كەنتى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ئىشچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى يىغىپ، ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك مۇلازىمىتى، تۈر، تېخنىكا ئېھتىياجى جەھەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، تەربىيەلەش، باھالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 13 نامرات ئائىلە تەربىيەلىنىپ سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى. كەنت ئاھالىسى ئەنزەر ئامان مۇنداق دېدى: «ھازىر كۈيتۈندە ئىشلەۋاتىمىز، ھەر ئايدا 4 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىمىز، يەنە ياتاق، تاماقنى كۆتۈرىدۇ، تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».
خىزمەت ئەترىتى بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، چىلان ئۈزۈش ئاساسىي تېما قىلىنغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «چىلان باغچىسى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈچ قارار يېمەك- ئىچمەك كۇرسى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سەھرا ئارامگاھى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر خۇشىناۋا كەنتى ناھىيە بازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى سالقىندايدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىپ، 33 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كەنت ئاھالىسى ئايۇپ ئىمران: «ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ئائىلىمىز ھەر كۈنى 2، 3 تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى، كۈندە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدۇق، بۇلارنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دىگىنىدە چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى.
خىزمەت ئەترىتى يىل بېشىدىكى ئائىلە زىيارىتىدە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ توپا ئۆستەڭدىن پايدىلىنىپ يەر سۇغىرىدىغانلىقى، سۇ ئاز مەزگىلدە زىرائەتلەرنى سۇغىرىشنىڭ يېتەرلىك بولماي، كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈننى ۋاقتىدا تىزگىنلىيەلمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى دەرھال ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ قوللىشى بىلەن، 5.6 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ، 49 ئائىلىلىك دېھقاننى نەپكە ئېرىشتۈردى. خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىپ كەلدى. مەيلى ئەتىياز پەسلىدىكى ئۇرۇق چېچىش ياكى كۈز پەسلىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ھوسۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ياكى ياشانغانلار ۋە يېتىم- يېسىرلارنى يوقلاش، ھال سوراش، كېسەل بالىلارغا پۇل ئىئانە قىلىش بولسۇن ھەممە يەردە خىزمەت ئەترىتىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نامرات ئائىلە سافالىق مىرزا ئەر- ئايال ياشىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار تېرىغان سەككىزمو قوناق پىشتى، بوۋاي- موماي كۆممىقوناق ئورۇشتىن غەم قىلىۋاتاتتى. خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، «يازلىق يىغىم مۇلازىمەت ئەترىتى» تەشكىللەپ، بەش كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سافالىققا ئوخشاش ئەمگەك كۈچى كەمچىل 12 ئائىلىلىكنىڭ يازلىق يىغىمىنى تاماملىدى. ئامباردىكى دۆۋىلىنىپ كەتكەن قوناقلارغا قاراپ، سافلىقنىڭ غېمى تۈگەپ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى. كەنت ئاھالىسى زىرەك ئەلىممۇ بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىنكاس قىلغان بەزى مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى خىزمەت ئەترىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ ھەل قىلدى، خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ يېقىن تۇققىنىمىز». خىزمەت ئەترىتى دەل مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىش قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى ھەر بىر ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قەلبىدە بەخت- سائادەت، خۇشاللىق ساداسىنى ياڭراتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى