قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاڭ شيا ئانا ۋە ئۇنىڭ كۆپ مىللەتلىك بالىلىرى

2018-12-12 19:04:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«جاڭ شيا ئانا ياخشىمۇسىز؟ بىز ئائىلە بويىچە سىزنى بەك سېغىندۇق، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزدىن بەك ئەنسىرەيمىز. بىزگە ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، شاكىلات، بىلەيزۈك، ياغلىق، چازا، يەنە چىرايلىق كۆينەكلەر بار ئىكەن. بىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بېرىپ، ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتىمىز». ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ شيا بۇ ئۈندىدارنى كۆرۈپ، كۆزىگە ياش ئالدى. ئۈندىداردا سۆز قالدۇرغىنى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى يولچى كەنتىدىكى غوپۇر ئىسلامنىڭ بالىسى ئىدى.
ئەمدى نەزىرىمىزنى بۇرۇنقى ئىشلارغا ئاغدۇرايلى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان جاڭ شيا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر بىلەن تۇغقان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ شيا غۇپۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشتى. ئەينى يىلى 12- ئايدا، جاڭ شيا بىر قېتىملىق چوڭ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش» پائالىيىتىگە تىزىملاتتى. نۇرغۇن خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ قەھرىتان سوغۇق ۋە پويىزغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىدى، ئەمما ئۇ تۇغقان يوقلاشقا بېرىشتا چىڭ تۇردى. جاڭ شيا سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ، غۇپۇرنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم كىرىپ، ئۇيغۇر تىلىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سالاملاشقاندا، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھاياجانلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ غۇپۇرنىڭ بالىلىرى ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «جاڭ شيا ئانا» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.
ئەمەلىيەتتە قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۇيغۇر تىلىدا ئاددىي سۆزلىيەلەيدىغان جاڭ شيا ئاللىقاچان بىر توپ كۆپ مىللەتلىك بالىلارنىڭ ئانىسى ئىدى. 2009- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، جاڭ شيا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شېنجېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئۈچ يىل ئىشلىدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى بالىلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دەرس تەكرار قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، روھىي جەھەتتىن يېتەكلىدى. ھەر قېتىم قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆيى يەنە بالىلارنى كۈتۈۋېلىش پونكىتى بولاتتى.
بالىلار ئۇنى «جاڭ شيا ئانا» دەپ ئاتىشاتتى، بۇ ھەم ئۇنىڭغا بېرىلگەن يۇقىرى نام ئىدى. بىر ئۇيغۇر قىز تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك كۆڭلى يېرىم بولغاندا، جاڭ شيا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، قىزنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۇ قىز ئاخىرى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە قۇبۇل قىلىندى؛ بىر موڭغۇل قىزنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، جاڭ شيا ئۆزى يېنىدىن 3 مىڭ يۈەن نەق پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى، قىز خۇشاللىقىدىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى؛ جاڭ شيا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دۇڭشياڭ مىللىتىدىن بولغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇدۇل ICU كېسەلخانىسىغا بېرىپ، ئامالسىز قالغان ئائىلە باشلىقىغا مىڭ يۈەن نەق پۇل تۇتقۇزدى.
«جاڭ شيا ئانا» نىڭ بالىلىرى بەك كۆپ بولۇپ، مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن بۇ بالىلار ھازىر كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئېلىپ، مېھىر شەپقەت يولىدا جاڭ شيا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۈگۈرمەكتە. ئالىمجان ئىلگىرى جاڭ شيانىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن پەيزاۋات ناھىيەسىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، شۇنداقلا غۇپۇرنىڭ ئىككىنچى قىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىش، سوۋغات ئېلىپ غۇپۇرنى يوقلاش ئالىمجاننىڭ بوش ۋاقىتلاردىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى ئىدى.
غۇپۇر ئائىلىسىدىكىلەرنى دائىم يوقلايدىغانلاردىن يەنە ئارزۇ ئىسىملىك بىر قىزمۇ بار ئىدى. ئارزۇ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچار بولغاندا، جاڭ شيا ئائىلىسىنىڭ ياردىمىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىگە قۇبۇل قىلىندى. ئۇ پات ئارىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، «جاڭ شيا ئانا» بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «مەن بەك تەلەيلىك، ئانامغا ئوخشاش مېھرىبان جاڭ شيا مۇئەللىمنى ئۇچراتتىم. ئۇ مېنى روھىي جەھەتتىن قوللاپلا قالماي، يەنە ئوقۇشۇمنى تاماملىشىمغا ياردەم قىلىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇنىڭ غۇپۇر ئائىلىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاسرىشىنى كۆرۈپ، ناھايىتى تەسىرلەندىم. مەنمۇ غۇپۇر ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆزۈمنىڭ تۇغقىنى دەپ بىلىمەن». جاڭ شيانىڭ مېھىر- مۇھەببىتى خۇددى بىر چىراغقا ئوخشايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى يورۇتۇپلا قالماي، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى تېخىمۇ يورۇتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى